04.02.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزتۆۋەندىكىچە:

1352906
04.02.2020

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، .تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ: «قىرىمنىڭ قانۇنسىز قوشۇۋېلىنىشىنى تونۇمايمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتىدە قىرىمنىڭ قوشۇۋېلىنىشىنى كۈنتەرتىپكە قويۇپ: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، قىرىمنىڭ قانۇنسىز قوشۇۋېلىنىشىنى تونۇمايدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەشنى خالايمەن» دېگەن.

گېرمانىيەنىڭ «بىلد» (Bild:de) تورى، گېرمانىيەدە يېڭىدىن ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئىككى كىشىنىڭ بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بىر بالىغا دادىسىدىن ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇققان ۋە شۇنىڭ بىلەن گېرمانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 12 گە چىققان. بۇلاردىن 10 كىشى باۋيېرا ئىشتاتىدا، ئىككى كىشى فرانكفۇرتتا ئىكەن.

«Zdf.de» تورى، تۈركىيەنىڭ ئەسكەرلىرى شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن، سۈرىيەگە قارشى ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەلجەزىرە تورى، ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بىلەن سۇدان ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ باشلىقى گېنېرال ئابدۇلفەتتاھ ئەل بۇرھاننىڭ ئۇگاندادا ئۆتكۈزگەن يىغىنىنىڭ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنىڭ توغرىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە چىقىدىغان «ئەششەرق ئەلئەۋسات گېزىتى»، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن تەڭ تارقىلىۋاتقان «ئۇچۇر بىلەن يۇقۇملىنىش» تىن ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبىيە گېزىتى» (Infobae)، سوتسىيالىزم ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبەرلىرىنىڭ ئېۋو مورالېسنىڭ بولىۋىيەدە ماي ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا كېڭەش پالاتا ئەزالىقىغا نامزات بولىدىغانلىقىنى توغرىلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر گېزىتى» (Telesur)، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان خىتابنامە ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيە «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى» (RİA Novosti)، رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىخائىل بوگدانوۋ (Mihail Bogdanov) نىڭ تۈركىيەنىڭ موسكۋادىكى باش ئەلچىسى مەھمەت سامسار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«گازەتەم.رۇ» تورى (Gazetem.ru)، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىينىڭ رۇسىيە تۈرمىلىرىدىكى ئۇكرائىنالىقلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن تۈركىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«لېنتا.رۇ» تورى (Lenta.ru)، رۇسىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان چەت ئەللىكلەرنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىش تەدبىرىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، ياۋروپانىڭ ھەممە جايلىرىنى ۋۇخەن ۋىرۇسى قورقۇنچىنىڭ قاپلىۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى»، فىرانسىيە سەھىيە مۇدىرىنىڭ فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر