13.01.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1339664
13.01.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىدىغان «ئەششەرق ئەلئەۋسات» گېزىتى، باغدادنىڭ شىمالىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تۇرۇۋاتقان بىر ھەربىي بازىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئېتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، ئىراقتا نامايىشلارنىڭ قايتىدىن ئەۋج ئالغانلىقىنى، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ئونلارچە ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى يازدى.

يەنە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىدىغان «ئەششەرق ئەلئەۋسات» گېزىتى، ئىراننىڭ ئۇكرائىنا ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلىشىگە ئالاقىدار ھەقىقەتلەرنى يوشۇرغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرابلۇستىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ تۈركىيە – رۇسىيە مۇرەسسەلەشتۈرۈشىنىڭ ئۈنۈمىنى نامايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

فىرانسىيەنىڭ «فرانس-24» خەۋەرلەر قانىلى، (فىرانسىيە باش مىنىستىرى) ئېدۋار فىلىپپېنىڭ پىنسىيونېرلىق ئىسلاھاتى قەدەملىرىنىڭ ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

يەنە فىرانسىيەنىڭ «لىبېرېيشېن» گېزىتى، ئالاقىدار ئەمەلدارلارنىڭ، ئىراندا چۈشۈپ كەتكەن بويېڭ ئايروپىلانى توغرىسىدىكى ئېتىراپلىرىنىڭ نارازىلىق پەيدا قىلغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «لا ۋانگۇاردىئا» گېزىتى، تۈركىيەنىڭ، لىۋىيە ۋە ئىدلىبتا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۆزىنىڭ «تىنچلىق دىپلوماتىيەسى»نىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائېس» گېزىتى، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيۇشمىلار ۋە خىزمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تۆۋەن مائاش مىقدارى مەسىلىسىدە يارىشىش ھاسىل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

چىلىدا چىقىدىغان «لا تېرسېرا» گېزىتى، رېئال مادرىد كوماندىسىنىڭ ئاتلېتىكو (مادرىد) كوماندىسىنى جازا توپى ئارقىلىق يېڭىپ، ئىسپانىيە چوڭ لوڭقىسىنى ئالغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «كوممېرسانت» گېزىتى، تېھراندىكى ئايروپىلان پاجىئەسى ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ تۆلەم تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا» گېزىتى، ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ «نورد سترىم-2» تۇرۇبا لىنىيەسىگە جازا يۈرگۈزۈشنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاسس» خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ناتونىڭ رولىنى كۈچەيتىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى يازدى.

گېرمانىيە ئاۋازى (DW) رادىيوسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى چارلېس مىچېلنىڭ لىۋىيە مەسىلىسىدە سۆزلىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كېلىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

گېرمانىيەنىڭ «Die Welt» گېزىتى، ترامپنىڭ ئىراندىكى ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىشلارنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى يازدى.

يەنە گېرمانىيەنىڭ «Tagesschau» گېزىتى، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرىنىڭ كىلىمات سىياسىتىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر