27.11.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزتۆۋەندىكىچە:

1313373
27.11.2019

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە چىقىدىغان «ئەششەرق ئەلئەۋسات گېزىتى»، ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان ئىرانلىقلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەل قاتارىييا گېزىتى»، تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنىڭ ۋاقىتقا باغلىق ئەمەسلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

كۈۋەيتتە چىقىدىغان «ۋەتەن گېزىتى»، باغدادتا ئۈچ قېتىم پارتلاش يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 15 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، مالىدا 13 فىرنسىيە ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، پىرېزىدېنت ماكروننىڭ قىيىن سوئاللارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، فىرانسىيەنىڭ مالىدا جېنىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلىرى ئۈچۈن چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«24-فرانس» قانىلى، غەزەپلەنگەن دېھقانلارنىڭ پارىژنىڭ قاتنىشىنى پالەچ قىلىپ قويماقچى بولغانلىقىنى خەۋە ر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «تاگېسشاۋ.دې» (Tagesschau.de) تورى، گېرمانىيەلىكلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئۈمىدسىز قارايدىغانلىقىنى؛ ئامېرىكالىقلارنىڭ بولسا، گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل كومېرتىيو گېزىتى» (El Comercio)، چىلىنىڭ 40 كۈن داۋاملاشقان نامايىشلارنى يېڭى زوراۋانلىق بىلەن «تەبرىكلىگەنلىكى» نى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبىيە گېزىتى» (Infobae)، بولىۋىيەنىڭ ئارىدىن 11 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ۋاشىنگتون ئەلچىسىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

چىلىدا چىقىدىغان «لا تېرسېرا گېزىتى» (La Tercera)، كولومبىيە پىرېزىدېنتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن كېيىن، بۈگۈن (27-نويابىر) ئومۇمىيۈزلۈك ئىش تاشلاشنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «كوممېرسانت گېزىتى» (Kommersant)، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ «شەخسىيەتچى» سىياسىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya)، رۇسىيە بىلەن گىرۇزىيە ئوتتۇرىسىدا ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنىڭ 2020-يىلىنىڭ تۇنجى يېرىمىدا قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر