چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 21.11.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1310014
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 21.11.2019

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى»، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ، «دۆلىتىمىز ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ 368 مىڭ سۈرىيەلىكنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايقانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

كۇۋەيتتە چىقىدىغان «‹ئەلۋەتەن› گېزىتى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، «سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 3 مىڭغا يېتىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ DW › خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ تۈركىيەگە كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە ياردەم قىلىش توغرۇلۇق سىگنال بەرگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹ Frankfurter Allgemeine Zeitung› گېزىتى»، گېرمانىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتلىرىدىن رىچارد ۋون ۋېيزساككېرنىڭ ئوغلىنىڭ بېرلىندا پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ Die Welt › خەۋەرلەر تورى»، گىتلېر تۇغۇلغان ئۆينىڭ ساقچى مەركىزىگە ئۆزگەرتىلىدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

شىۋېيتسارىيەدە چىقىدىغان «<لې تېمپس> گېزىتى» (Le Temps)، ئەنگلىيە خان جەمەتىدە 90 – يىللاردىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر سەتچىلىكنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Figaro  › گېزىتى»، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بېيجىڭغا قارشى خوڭكوڭنى قوللاش نىشان قىلىنغان بىر قارارنامىنى قابۇل قىلغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ RIA Novosti› خەۋەر ئاگېنتلىقى»، رۇسىيەدە پويىزلار ۋە ئايروپىلانلاردا ئىشلىتىلىدىغان تېز سۈرئەتلىك ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «‹ TASS › ئاگېنتلىقى » نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى، كىيېۋنىڭ رۇسىيە قايتۇرۇپ بەرگەن ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىگە ئائىت ئۈچ پاراخوتنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، رۇسىيەدىن كەم چىققان بارلىق پارچىلىرىنى قايتۇرۇش بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.»

رۇسىيەنىڭ «‹ RT › خەۋەرلەر تورى »، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېستونىيەلىك سىياسەتچىنىڭ بېسىۋېلىنغان رايونلارنى قايتۇرۇش چاقىرىقىغا جاۋاب بەرگەنلىكىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر