چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 14.11.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1306491
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 14.11.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى»، مىسىرنىڭ مۇرەسسەچىلىك قىلىشى نەتىجىسىدە ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» ھاسىل قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، ئىراقلىقلارنىڭ نامايىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇۇۋاتقانلىقىنى ۋە «تەھرىر مەيدانى» نى تەرك ئېتىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

مەزكۇر گېزىت، «لىۋان باش مىنىستىرى ھەرىرى پىرېزىدېنت بېررىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش تەكلىپىنى رەت قىلدى، بېررى دۆلەتتە سىياسىي بوشلۇق پەيدا بولۇپ قېلىش مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنىمۇ ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«‹ Zeit Online › خەۋەرلەر تورى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بىر مىليون سۈرىيەلىك كۆچمەننى سۈرىيەدىكى بىخەتەر رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ Spiegel Online › خەۋەرلەر تورى»، دائېش گۇماندارلىرىنىڭ گېرمانىيەدە ھازىرچە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ El País › گېزىتى»، مورالېسنىڭ، «پىرېزىدېنت نامزاتى بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، ۋەزىيەتنى تىنجىتىش ئۈچۈن بولىۋىيەگە قايتىشقا تەييارمەن» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «<ئەلمۇندو> گېزىتى» (El Mundo)، «ئىسپانىيە پادىشاھى كۇبادىكى زىيارىتى جەريانىدا، كىشىلىك ھوقۇق ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئالدىقى شەرتىنىڭ دېموكراتىيە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەنىڭ «‹ RIA Novosti› خەۋەر ئاگېنتلىقى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «س - 400 » باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى تۈركىيەگە يۆتكەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ TASS › ئاگېنتلىقى »، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى دونالد تاسكنىڭ، رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكى ئەمەس، ئەكسىچە ئىستىراتېگىيەلىك مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان«‹ Izvestiya› گېزىتى»، ئۇكرائىنالىقلارنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى زېلېنىسكىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈشكە باشلىغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Figaro  › گېزىتى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تۈركىيە – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئاقسارايدا كۈتۈۋالغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

بېلگىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Soir › گېزىتى»، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى دونالد تاسكنىڭ، «لوندوننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى ھەقىقىي مەنىدە ئەنگلىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر