چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 05.11.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1300522
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 05.11.2019

تۈركىيە ئاۋازى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى»، ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنىڭ دائىرىسىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، نامايىشلار جەريانىدا 5 نامايىشچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، لىۋاندا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنىڭ دائىرىسىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاش ئېلىپ بېرىش توغرۇلۇق چاقىرىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى يازدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «‹ئەررىياد› گېزىتى»، ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ Deutsche Welle› خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «زۋىچاكاۋدا NSU  نىڭ سۇيىقەست قۇربانلىرى ئۈچۈن تىكىلگەن دەرەخلەرمۇ بار بولغان خاتىرە باغچىسىنى زىيارەت قىلغان باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئاشقۇن ئوڭچىللىققا قارشى  كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.»

گېرمانىيەنىڭ «‹Tagesschau.de › خەۋەرلەر تورى»، «گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئۆزلىرىنى «خەلقنى قوغداش گۇرۇھى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان « Bürgerwehr» دەپ ئاتىۋالغان ئاشقۇن ئوڭچىل گۇرۇپپىلارنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتتى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Parisien › گېزىتى»، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغان كۆچمەنلەر سانىغا چەكلىمە قويۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، شاڭخەيدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ خىتاينى سىرتقا قارىتا ئىشىكنى تېخىمۇ كەڭ ئېېچىۋېتىشقا چاقىرغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Figaro  › گېزىتى»، «يەر شارى خاراكتېرلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

فىرانسىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «پارىژ كېلىشىمى» دىن چېكىنىشىنىڭ رەسمىيلىشىشىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ El País › گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئىسپانىيە پادىشاھى فېلىپې كاتالونىيەدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ۋە قالايمىقانچىلىقلارنىڭ دېموكراتىيەدە ئورنى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.»

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «‹ Clarín› گېزىتى»،  چىلىدىكى نامايىشلار جەريانىدا نامايىشچىلارنىڭ ئىككى ئايال ساقچىغا بېنزىن بومبا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى يازدى.

مېكسىكىدا چىقىدىغان «‹ El Universal › گېزىتى»،  «مېكسىكىدىكى تەشكىللىك جىنايەتلەر» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

لېبارون ئائىلىسى تۇزاقلىق سۇيىقەستكە ئۇچرىدى، سۇيىقەستتە 9 ى بالا بولۇپ، جەمئىي 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ Lenta.ru › خەۋەرلەر تورى»، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىن تەبىئىي گاز يۆتكەشنى توختىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ Russia Today › تېلېۋىزىيە قانىلى»، رادىيو – ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش يۈز بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن خىتايغا يېڭىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر