چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 31.10.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1297662
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 31.10.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دائېش رەھبىرى باغدادى ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان ۋىدېئو كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، لىۋان پىرېزىدېنتىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپانامىسىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«‹ t-online.de› خەۋەرلەر تورى»،  «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ Deutsche Welle› خەۋەرلەر تورى»، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركەز بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنە بىر قېتىم چۈشۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركەز بانكىسى كۆرسەتكۈچ ئۆسۈم نىسبىتىنى بۇ يىل ئۈچىنچى قېتىم % 25 چۈشۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆسۈم نىسبىتىنى چۈشۈرۈشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويىدىغانلىقى توغرىلىقمۇ سىگنال بەردى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ ard.de › خەۋەرلەر تورى»، «گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىلىمات نىشانلىرىغا رىئايە قىلىشى ئۈچۈن سوتقا ئەرز سۇنۇلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

خەلقئارا مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى ئۈچ چارۋىچى ئائىلە بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن بېرلىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ 2020 – يىللىق كىلىمات نىشانلىرىغا رىئايە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىنى قوبۇل قىلدۇردى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ El País › گېزىتى»، چىلىنىڭ، داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرى سەۋەبىدىن «دۇنيا كىلىمات يىغىنى» ۋە «ئاسىيا – تىنچ ئوكيان مۇنبىرى» يىغىنىنى بىكار قىلغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ La Vanguardia › گېزىتى»، باش مىنىستىر پېدرو شانچېزنىڭ مۇستەقىلچىلارنى ئىسپانىيە دېموكراتىيەسىنى سەل چاغلىماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «<ئەلمۇندو> گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «كاتالونىيەدىكى ئاكادېمىكلار ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.»

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، رۇسىيەنىڭ مۇداخىلىسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئالالمىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Figaro  › گېزىتى»، ۋاشىنگتوننىڭ دائېش رەھبىرى باغدىدى ئۆلتۈرۈلگەن ھۇجۇمغا ئالاقىدار دەسلەپكى ۋىدېئو كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتقانلىقىنى يازدى.

شىۋېيتسارىيەدە چىقىدىغان «<لې تېمپس> گېزىتى» (Le Temps)، «جەنۋەدە سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى يۈكسەك كۆزىتىش ئاستىدا شەكىللەنمەكتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان«‹ Izvestiya› گېزىتى»، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قىرىم ۋە يىراق شەرققە ھۇجۇم قىلىش پىلانلىرى ھەققىدە خەۋەر تارقىلىۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«‹ Kommersant› گېزىتى»، «شىمالىي ئېقىم 2» لىنىيەسىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى توسالغۇ بولغان دانىيە توسالغۇسىنىڭمۇ قالمىغانلىقىنى يازدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر