25.10.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزتۆۋەندىكىچە:

1294614
25.10.2019

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەنىڭ «بىلد.دې» تورى (Bild.de)، ئەنگلىيەنىڭ ئېسېكس (Essex) شەھىرىدە بىر يۈك ئاپتوموبىلىدا تېپىلغان 39 جەسەت ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانيە ئاۋازى رادىيوسى تۈركىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «زۈتدايچە زەيتۇڭ گېزىتى» (Süddeutsche Zeitung)،ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى نېفىت رايونلىرىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەلقاتارىييا گېزىتى»، قاتار بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئەرەبچە چىقىدىغان «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، ۋال سترېت ژۇرنال گېزىتىنىڭ «ئەردوغان سۈرىيەدە تەلەپ قىلغىنىنى ئالدى» سەرلەۋھىسىدە خەۋەر ئېلان قىلدى.

قاتارنىڭ ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسى ناتونىڭ شىمالىي سۈرىيەدە ھەربىي قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ياۋروپاغا مۇساپىرلار كارتىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya)، كىيېۋ رۇسىيە گازىنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنلىرىدىن توشۇلۇشىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «گازەتە.رۇ» تورى (Gazeta.ru)، رۇسىيە ھەربىي-ساقچىلىرىنىڭ سۈرىيەگە ئەۋەتىلگەن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ تارقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېت (Michelle Bachelet) نىڭ چىلىدا پارتلىغان نامايىشلار جەريانىدا، خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر ھەيئەت ئەۋەتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر گېزىتى» (Telesur)، بولىۋىيە پىرېزىدېنتى ئېۋو مورالېسنىڭ «خەلق دېموكراتىيەسى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى» نى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسوننىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى ئۈچۈن سايلام ئۆتكۈزۈش تەھدىتىنى ئىشقا سالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

 فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې پارىسىيىن گېزىتى» (Le Parisien)، فىرانسىيەنىڭ ئوكيان ھالقىغان لاغۇنيۇن ئارال ۋىلايىتىنىڭ، پىرېزىدېنت ماكروننىڭ زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە شىددەتلىك توقۇنۇشلارغا سەھنە بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر