چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 24.10.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1293863
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 24.10.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، «ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ رەقىبى گانتزنى ئىسرائىلىيەدە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشىدىن كېيىن تۈركىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى بىكار قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«‹ Al Jazeera.net› خەۋەرلەر تورى»، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار ۋەزىرىنىڭ قوراللىنىش مەسىلىسىدە مۇتەخەسسىس بولۇشتىن سىرت يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى سۇيىقەستىگە ئارىلاشقان ۋە ئىرانغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان  بىر شەخس ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ Deutsche Welle› خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كرامپ – كاررېنبائېرنىڭ سۈرىيەدە «خەلقئارالىق بىخەتەر رايون» شەكىللەندۈرۈش تەكلىپىنى قوللىغانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Tagesschau.de › خەۋەرلەر تورى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تۈركىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى بكار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ Welt.de › خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيەدە ئەرلەرنىڭ  كۆپىنچىسىنىڭ پارلامېنتتا ئاياللارغا سان بېرىلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ La Vanguardia › گېزىتى»، بولىۋىيە پىرېزىدېنتى ئېۋو مورالېسنىڭ، ئۆكتىچىلەرنىڭ سايلامدا ھىيلە ئىشلىتىلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك شىكايىتىنى «ئىسيان» دەپ ئاتىغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ El País › گېزىتى»، ئىسپانىيە دىكتاتورلۇقىنىڭ ئاخىرقى چوڭ سىمۋولىغا خاتىمە بېرىلىدىغانلىقىنى، دىكتاتور فرانكونىڭ جەسىتىنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ ئارىدىن 44 يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۈگۈن خاتىرە سارىيىدىن چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، ئاھالىسىنىڭ  % 40 تى ئىنتايىن نامرات بولغان لا رېنىون ئارىلىدا ماكروننىڭ ھەقىقەتتىن قاچالمىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

بېلگىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Soir › گېزىتى»، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنىڭ بورىس جونسونغا يارىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭ بۇ سايىدا باش ۋەزىر بولغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ RIA Novosti› خەۋەر ئاگېنتلىقى»، «رۇسىيە ھەربىي ساقچىلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ كوبانى رايونىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ئېگىزلىككە ئورۇنلاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ TASS › ئاگېنتلىقى » نىڭ خەۋىرىدە، دۇنيا بانكىسى گۇرۇھى تەرىپىدىن يىللىق ئېلان قىلىنىدىغان «< Doing Business-2020 > سودا بىلەن شۇغۇللىنىش قولايلىقى كۆرسەتكۈچى» دە 28 – رەتكە يۈكسەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان«‹ Izvestiya› گېزىتى»، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ئامېرىكىنى ناتسىستلارنىڭ قەھرىمانلاشتۇرۇلۇشىغا قارشى  كۈرەشنى قوللاشقا چاقىرغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر