11.10.2019

چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1286275
11.10.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «Alquds Al Arabi» گېزىتى، دونالد ترامپنىڭ تۈركىيە بىلەن كوردلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسەچىلىكى ھەققىدە سۆز قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Alquds Al Arabi» گېزىتى، ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە، تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئەيىبلەشنى رەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Alsharq Al Awsat» گېزىتى، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى توقۇنۇشلاردا بىر نەپەر تۈركىيە ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ۋە 3 ئەسكەرنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيە پىرېزىدېنتى سىتېرمېيېرنىڭ ھاللە شەھىرىدىكى چېركاۋغا قىلىنغان ھۇجۇمغا قارىتا «بۇ بىر نومۇس قىلارلىق كۈندۇر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«Die Welt» گېزىتى، دونالد ترامپنىڭ تۈركىيە بىلەن كوردلار ئوتتۇراسىدا مۇرەسسەچىلىك قىلالايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Le Parisien» گېزىتى، «فرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ياۋروپادىكى (دۈشمەن بولغان قېرىندىشى) ۋېنگىرىيە باش مىنىسىتىرى ئوربان بىلەن كۆرۈشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

بېلگىيەدە چىقىدىغان «Le Soir» گېزىتى، بېلگىيەدە ئاشقۇن ئوڭچىلار بىلەن چېتىشلىق 2800 دىن كۆپرەك كشىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «El País» گېزىتى، نامايىشلارنى بېسىقتۇرۇش مەقسىتىدە ئېكۋادور ھۆكۈمىتىنىڭ دىيالوگ تەكلىپى سۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «El Mundo» گېزىتى، ئەردوغاننىڭ ئىشىكلەرنى ئېچىۋېتىپ، 3 مىليون 600 مىڭ سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىنى سىلەرگە يوللايمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مېكسىكادا چىقىدىغان «El Excelsior» گېزىتى، مېگۇئېل داز كانېلنىڭ كۇبانىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «TASS» خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن سۈرىيەدىكى ھەرىكەتتە بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئېلان قىلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «Ria Novosti» ئاگېنتلىقى، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ دوللارغا «ئەلۋىدا» دېگەنلىكىنى ۋە پۇل تۆلەشتە يەرلىك پۇل بىرلىكلىرىنى ئىشلىتىدىغان بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Russia Today» خەۋەرلەر تورى، تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخابادتا مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ۋە يىغىنغا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر