10.10.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1285413
10.10.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «ئەششەرق ئەلئەۋسات گېزىتى»، باغداد ھۆكۈمىتىنىڭ ماتەم ئېلان قىلىش ۋە ئىسلاھاتلار بىلەن خەلقنىڭ  غەزىپىنى پەسەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەلقاتارىييا گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا «تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئۇمماندا چىقىدىغان «ئەلۋەتەن گېزىتى»، ئىران غايەت زور مىقداردا تەبىئىي گاز زاپىسى بايقىغانلىقىنى ۋە چېگرادا مانېۋىر باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيەدە چېركاۋغا قىلىنغان ئاشقۇن ئوڭچى ھۇجۇمنىڭ كىشىلەرنى چۆچۈتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «تاگسشاۋ.دې» تورى (Tagesschau.de)، گېرمانىيە ساقچىلىرىنىڭ تۆت ئىشتاتتا پارتىيە ۋە جامەلەرگە ئوڭچى تەھدىت مەكتۇپلىرىنىڭ كېلىشىدىن كېيىن، كەڭ كۆلەملىك تىنىتىش باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.  

مېكسىكادا چىقىدىغان «لا جورنادا گېزىتى» (La Jornada)، ئېكۋادور پىرېزىدېنتى مورېنونىڭ نامايىشلار سەۋەبىدىن ئۆكتىچىلەر بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «كلېيرىن گېزىتى» (Clarin)، ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى جو بايدىننىڭ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك باشلانغان مۇساپىنى قوللايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «France 24» قانىلى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنىمۇ باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاس ئاگېنتلىقى» (TASS)، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ  تۈركىيەنىڭ ھەققى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى» (RİA Novosti)، ئىراندا قويۇپ بېرىلگەن رۇسىيەلىك ژۇرنالىست يۇلىيا يۇزىك (Yuliya Yuzik) نىڭ موسكۋاغا قايتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» تورى (Lenta.ru)، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكى بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېلنىڭ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن شەرتلەرنىڭ ئورۇنلانغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر