چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 03.10.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1280993
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 03.10.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە چىقىدىغان «‹ئەلخەلىج› گېزىتى»، «پەلەستىنلىك ئەسىرلەر كۇلۇبى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىسرائىلىيەدە تۇتقۇن ھالىتىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ % 95 تىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى»، ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا  جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى، جىددىي ھالەتنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغانغا قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ DW › خەۋەرلەر تورى»، تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا گېرمانىيەدە بايلىق مەنبەلىرىنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا تەقسىم قىلىنمايدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ zdf.de › خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ داۋاملىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ El País › گېزىتى»، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ بىر دوستىنىڭ، «جامال قاشىقچىنىڭ قاتىللىرى مەقسىتىگە يېتەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى سىنبەلگىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «<ئەلمۇندو> گېزىتى» (El Mundo)، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلىككە قارشى تۇرۇش چارىسىنىڭ چېگرا رايونىدا تىمساھلار بىلەن توشقۇزۇلغان خەندەكلەرنى كولاش ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، « Airbus قا قىلىنغان پۇل ياردىمى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا ياۋروپانى جازالاندۇرۇش ھوقۇقى بېرىشنى قارارلاشتۇردى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Figaro  › گېزىتى»، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بارماي تۇرۇپ 5 يىللىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە ئالاقىدار يول خەرىتىسىنى يوقىتىپ قويىدىغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ Lenta.ru › خەۋەرلەر تورى»، رۇسىيەنىڭ چەت ئەل دۆلەتلىرىگە ناھايىتى كۆپ مىقداردا قەرز بېرىدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان«‹ Izvestiya› گېزىتى»، رۇسىيە – قازاقىستان چېگرا رايونىدا «ئالتۇن ئوردۇ دۆلىتى» خاقانلىرىنىڭ مەقبەرەلىرى تېپىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر