13.09.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1268888
13.09.2019

 

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىزچە چىقىدىغان «Alsharq Alawsat» گېزىتى، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ %12.3 تۆۋەنلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «Al-Raya Al-Katariya» گېزىتى، غەززەدىكى دورا يېتىشمەسلىك نىسبىتىنىڭ %40 گە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «Mustakbal» گېزىتى، sۇ ئاپەتلىرىنىڭ ئالجىرىيە oەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى پالەچ ھالدا كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە مۇنۇلار دىققەتنى تارتتى:

گېرمانىيەدە ئەۋج ئېلىۋاتقان كۆچمەنلەر نىسبىتىگە قارشى تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ يوللىرى ئىزدەنمەكتە. قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئېقىمىنىڭ ياۋروپاغا يۈزلىنىشى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى. گېرمانىيە تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە بىلەن قۇيۇق مۇزاكىرلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارقىلىق كۆچمەنلەر ئېقىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نىشان قىلماقتا. 

«Bild.de» تورى، ئوتتۇرىغا بىر سوئال تاشلىدى. زادى قايسىسى بەك مۇھىم؟ كېلىمات ئۆزگىرىشىمۇ؟ ياكى ئەركىنلىكمۇ؟ بۈتۈن دۇنيا خوڭكوڭلۇق ئەركىنلىك كۈرەشچىسى جوشۇا ۋوڭ ۋە تىنچلىق پائالىيەتچىسى گرېتا تۇنبېرگنىڭ كۈرەشلىرىنى تالاش تارتىش قىلماقتا.

«Spiegel.de» تورى، ئامېرىكا پىرېزىدېننتى دونالد ترامپنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىلىكى ئۈچۈن 15 نامزات بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «obzor. press» خەۋەرلەر تورى، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ «سۈرىيەدىكى ئۇرۇش ھەقىقەت ئاخىرلاشتى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «MK» گېزىتى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ 2020يىلى ئىسرائىلىيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Türkrus.com» خەۋەرلەر تورى، پۇتىننىڭ 30 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئوفېتسىرنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Le Parisien» گېزىتى، فىرانسىيەنىڭ سالۋادوردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخاخانىسىدا ۋەزىيە ئۆتەيدىغان رادېكال ئوڭچى بىر فىرانسىيە دىپلوماتىيە خادىمى ھەققىدە تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن فىرانسىيەدە تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Le Monde» گېزىتى، فىرانسىيەنىڭ 2020يىللىق خامچوتىدا ئەڭ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدىغان ساھەلەرنىڭ سەھىيە، مۇھىت ۋە ئىشتىن قوغلاپ چىقىرىلغانلار ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«Le Figaro» گېزىتى، ئالپ تاغلىرىدىكى چوڭ مۇز قاتلىمىنىڭ 2100 - يىلىغىچە پۈتۈنلەي ئېرىپ تۈگىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «El Clarín» گېزىتى، مېكسىكانىڭ چېكى يوق بىر مازارلىق ئىكەنلىكى ۋە مېكسىكادا ئىنساننىڭ جەسەت پارچىلىرى بىلەن لىق تۇلدۇرۇلغان 119 سومكا تېپىلغان بىر كوللىكتىپ مازارلىق بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «El País» گېزىتى، شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ئىسپانىيەنىڭ ئالمېرا، ئالكانتە، ۋالېنسا ۋە مۇرجا شەھەرلىرىدە قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىنىپ، بۈگۈن ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «La Vanguardia» گېزىتى، ياۋروپا كېڭىشى باشلىقى ۋون دېن لېيېننىڭ «ياۋروپادىكى تۇرمۇش شەكلىنىڭ قوغدىلىنىشى» دەپ تەرىپلىگەن تالاش تارتىشلىق سۆزىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى ئۇ بۇ سۆزنى كۆچمەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن تەنقىدكە ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر