10.09.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1266763
10.09.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدە ئۆزىگە ئائىت بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، «ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن كۆرۈشۈشۈمدە ھېچقانداق مەسىلە يوق» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى»، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ، «ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن باشقا مەخپىي رايونى بار» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ DW › خەۋەرلەر تورى»، «خوڭكوڭلۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جوشۇا ۋوڭ بېرلىندا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ zdf.de › خەۋەرلەر تورى»، Michael Schumacher  نىڭ فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ Focus.de › خەۋەرلەر تورى»، دۈسسېلدورفتا دوختۇرخانىدا ئوت ئاپىتىپ يۈز بېرىپ، بىر بىمارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 70 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ Gazeta.ru › خەۋەرلەر تورى »، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ <رۇسىيە نورمال بىر دۆلەت ئەمەس> تەرىقىسىدىكى باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: <شۇ ۋەجىدىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۈلگە قىلىشقا بولىدىغان بىر دۆلەت ئەمەس>.»

رۇسىيەنىڭ «‹ TASS › ئاگېنتلىقى »، رۇسىيەدە ئومۇميۈزلۈك ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئىيۇن ئېيىدا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەنلىكى يازدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان«‹ Izvestiya› گېزىتى»، 2030 – يىلىغا بارغاندا 20 مىليوندىن ئارتۇق رۇسنىڭ روبوتلار سەۋەبىدىن ئىشىدىن ئايرىلىپ قالدىىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ La Vanguardia › گېزىتى»، ئىسپانىيەدە يېڭى بىر سايلامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن PSOE  ۋە Podemos پارتىيەلىرىنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە مۇزاكىرىلەرنىڭ بۈگۈن قايتا باشلىنىدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، فىرانسىيەنىڭ ئافغانلارنى چېگرادىن قوغداپ چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

بېلگىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Soir › گېزىتى»، گوللاندىيەدە ئۆلۈملەرگە سەۋەب بولغان قوراللىق ھۇجۇمنىڭ  جاۋابكارىنىڭ ساقچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Figaro  › گېزىتى»، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسوننى قوللايدىغانلار ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ يەنىلا ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى مەسىلىسىدە چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىنى يازدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر