29.08.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1260555
29.08.2019

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىزچە چىقىدىغان «ئەلشەرق ئەلئەۋسات گېزىتى»، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ باش مەسلىھەتچىسى «تىنچلىق پىلانى» نىڭ، ئىسىرائىلىيە سايلاملىرىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەلقاتارىييا گېزىتى»، كۈۋەيت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسىرائىلىيە ئىشغالى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ، ئىسىرائىلىيە-ئەرەب توقۇنىشىغا ھەل قىلىش چارىسى تېپىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «ئەلھايات گېزىتى»، لىۋان ئارمىيەسى ئىسىرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «تاگېشپىگېل گېزىتى» (Tagesspiegel)، گېرمانىيەدە كۆچمەنلەرگە نىسبەتەن گۇمانلىنىشنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى بولسوناروغا قارىماي، جەنۇبىي ئامېرىكا ئورتاق بازىرى كېلىشىمى تۈزۈشكە ئالدىراۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «ۋېب.دې» تورى (Web:de)، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كيرىياكوس مىتسوتاكىس (Kyriakos Mitsotakis) نىڭ گېرمانىيەنى زىيارەت قىلىپ، باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ۋە ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسىنىڭ «تۆلەم مەسىلىسى» بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبىيە گېزىتى» (Infobae)، ئارگېنتىنانىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدىن قەرزلىرىنى قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ئۆزىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش پىلانىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن پارلامېنتقا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى»، بىرازىلىيەنىڭ قانداق ئىشلىتىشنى ئۆزى قارار قىلالىغان ئەھۋالدا ئامازون ئورمانلىرىدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈشكە قىلىنىدىغان خەلقئارالىق ياردەمنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى يازدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «كوممېرسانت گېزىتى» (Kommersant)، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «F-35» ئورنىغا «Su-57» سېتىۋېلىشنىڭ ئېھتىمالدىن سىرت ئەمەسلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya)، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان ھەربىي ياردەمنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ۋە ھەربىي ياردەمنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى بولسونارونىڭ ئامازون ئورمانلىرىدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈشتە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ كەينىگە چېكىنىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى»، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسوننىڭ پارلامېنتنى توختىتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش كىرىزىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بېلگىيەدە چىقىدىغان «لۆسۋا گېزىتى» (Le Soir)، بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى بولسونارونىڭ فەيسبۇكتا فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ ئايالىغا قارىتىپ يازغان كۆڭۈلنى رەنجىتىدىغان ئىنكاسىنى ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر