20.08.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1255246
20.08.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىزچە چىقىدىغان «ئەلشەرق ئەلئەۋسات گېزىتى»، تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن يېڭى يادرو كېلىشىمى مەسىلىسى بويىچە ئۇچرىشىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەلقاتارىييا گېزىتى»، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ چەت ئەللىك ئىشچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «ئەلھايات گېزىتى»، تۈركىيە ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ سۈرىيە چېگراسىغا يېتىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى»، ۋېنېزۇئېلا دۆلەت قۇرۇلۇش پارلامېنتىنىڭ باشلىقى دىيوسدادو كابېللو (Diosdado Cabello)، «ئامېرىكا بىلەن مەخپىي ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەنلىكى» ھەققىدە چىققان خەۋەرلەرنى رەت قىلغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئا ب س گېزىتى» (ABC)، چوڭ كاناريا ئارىلىنىڭ دالا ئوت سەۋەبىدىن تارىخىدىكى ئەڭ ناچار مۇھىت ئاپىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

چىلىدا چىقىدىغان «لاتېرفىرا گېزىتى» (La Tercera)، ئامېرىكالىق چوڭ كارخانىچى ئېلون مۇسىك (ElonMusk)  نىڭ يادرو قورالى بىلەن مارسنى بومباردىمان قىلىشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، ب د ت ۋە ئامېرىكانىڭ تۈركىيە ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ب د ت ۋە ئامېرىكا، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدە تۈركىيەنىڭ ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىدلىبتا ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە خان شەيخۇننى قولغا كىرگۈزگەن.

گېرمانىيەنىڭ «بىلد.دې» تورى (Bild.de)،  ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون (Boris Johnson) نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز چېكىنىشتىن ۋاز كەچكەندەك كۆرۈنۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «شپىگىل.دې» تورى (Spiegel.de)، ئامېرىكانىڭ گىرېتسىيەنى ئىراننىڭ «1-ئادرىيان دەريا» ناملىق نېفىت پاراخوتىغا ياردەم قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، ئىراننىڭ «1-ئادرىيان دەريا» ناملىق نېفىت پاراخوتى جەبىلتارىق بوغۇزىدىن يولغا چىقىپ، گىرېتسىيەنىڭ كالاماتا پورتىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئافېنانى ناھايىتى ئوچۇق ھالدا ئاگاھلاندۇرغان.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لىبېرېيشىن گېزىتى»، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ئوتتۇرىسىدا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ناھايىتى كىچككىنە بىر قەدەمنىڭ تاشلانغانلىقىنى، بىراق مۇناسىۋەتلەردە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، لوندوننىڭ 31-ئۆكتەبىردە چېگرالىرىنى تاقاش بىلەن تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى»، ئامېرىكانىڭ سوغۇق ئۇرۇشتىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاس ئاگېنتلىقى» (TASS)،  ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سۈرىيەدە تۈركىيە ھەربىي ئاپتوموبىللىرىغا ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya)، قىرغىزىستان سابىق پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋاقتىنىڭ 26-ئۆكتەبىرگىچە ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» تورى (Lenta. Ru)، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە گازىغا باغلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رۇمېنىيە گازىنى سېتىۋېلىشنى تاللىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر