15.08.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1252922
15.08.2019

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى»، ئۈچ ئىراقلىقنىڭ گېرمانىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ El País › گېزىتى» دە، ئىسپانىيەنىڭ ئىتالىيەنىڭ لامپېدۇسا ئارىلى ساھىللىرىدا كۈتۈۋاتقان « Open Arms » پاراخوتىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ بىر قىسمىنى كۈتۈۋېلىشنى قوبۇل قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

پېرۇدا چىقىدىغان «‹ El Comercio › گېزىتى»، ۋېنېزۇئېلا  پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ كولومبىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئالۋارو ئۇرىبېنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ Merkur.de› خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيەدە ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرى سوغۇق ھاۋا ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلگەنلكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، «فىرانسىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى 2008 – يىلدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

شىۋېيتسارىيەدە چىقىدىغان «<لې تېمپس> گېزىتى» (Le Temps)، شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2019 – يىلى ئۈچۈن 2.8 مىليارد شىۋېيتسارىيە فرانكى خامچوت ئوڭ پەرقىنىڭ كۆرۈلۈشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، «تۇنىستا دېموكراتىيەنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ پىرېزىدېنت سايلىمى باشلىنىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەنىڭ «‹ RIA Novosti› خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئاگېنتلىقى < Rosaviatsia>، موسكۋا جۇكوسۋىكى ئايرودۇرۇمىدا < A321> ناملىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ جىددىي قونۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.»

رۇسىيەنىڭ «‹ TASS › ئاگېنتلىقى »، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتايغا ياغاچ ماتېرىياللىرىنى ئېكىسپورت قىلىشنى چەكلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹ Kommersant › گېزىتى» نىڭ جەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون رۇسىيەنى ئاۋازدىن تېز سۈرئەتلىك قورال – ياراغلارنى ياساش ئۈچۈن تېخنولوگىيە ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر