چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 25.07.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1242080
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 25.07.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى»، تۇتقۇن قىلىنىش ھادىسىلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا كۈندىلىك ھاياتنىڭ نورماللىشىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، «كۇۋەيت ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇستا يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتىنىڭ رايونغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

لىۋاندا چىقىدىغان «‹ئەلھايات› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سومالىدا تۇرۇشلۇق مەسئۇلىغا سۇيىقەست قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.»

گېرمانىيەنىڭ «‹ Deutsche Welle› خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىدە، گېرمانىيەدە جامەلەرنىڭ تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكى، شۇڭا دۆلەتنىڭ بۇ ھەقتە قەدەم تاشلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Tagesschau.de › خەۋەرلەر تورى»، Volkswagen شىركىتىنىڭ تۈركىيەدە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش توغرۇلۇق قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

شىۋېيتسارىيەدە چىقىدىغان «<لې تېمپس> گېزىتى» (Le Temps)،  مەۋجۇت يەر شارى خاراكتېرلىك ھاۋا رايى ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ 2000 – يىلدىمۇ كۆرۈلمىگەنلىكىنى يازدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ El País › گېزىتى»، ئىسپانىيەدە ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىش پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، سولچىل پارتىيە پودېموسنىڭ رەھبىرىنىڭ بىر مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىق ۋە 5 مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «<ئەلمۇندو> گېزىتى» (El Mundo)، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەخمىنەن بىر مىليارد ياشنىڭ يۇقىرى ئاۋازلىق مۇزىكا ئاڭلاشقا ئادەتلىنىپ قالغانلىقتىن، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ۋېنېزۇئېلانىڭ «‹ Telesur› تېلېۋىزىيە قانىلى»، پوئېرتو رىكو پىرېزىدېنتى رىكاردو روسېللونىڭ نارازىلىق نامايىشلىرىدىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ RIA Novosti› خەۋەر ئاگېنتلىقى»، «دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سېلىنما بانكىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان < JP Morgan Chase > بانكىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، پات يېقىندا دوللار يەر شارى خاراكتېرلىك پۇل بولۇش ئالاھىدىلىكىدىن ئايرىدىلىپ قالىدىكەن» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەنىڭ «‹ TASS › ئاگېنتلىقى »، «Forbes نىڭ ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، نۇرماگومېدوۋ 2019 – يىلى رۇسىيەنىڭ ئەڭ تالانتلىق تەنتەربىيە ماھىرلىرى تىزىملىكىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر