02.07.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1228643
02.07.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە چىقىدىغان «ئەلشەرق ئەلئەۋسات گېزىتى» (Alsharq Alawsat)، ئامېرىكا ئاقساراينىڭ ئىراننىڭ يادرو قورال تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئەرەبچە چىقىدىغان «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى» (quds Alarabi)، تۈركىيەنىڭ تەھدىتلىرىدىن كېيىن، لىۋىيەدىكى ھافتەر كۈچلىرىنىڭ ئالتە تۈركىيە پۇقراسىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا گېزىتى»، ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ قۇددۇستىكى مەسجىدى ئەقسانىڭ ئاستىنى كولاش ئىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى،  «Sea Watch 3» پاراخوتىنىڭ گېرمانىيەلىك كاپىتانىنىڭ ئاقدېڭىزدا قۇتقۇزۇۋالغان 40 كۆچمەننى ئىتالىيە پورتىغا ئېلىپ كەلگەندە قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن گېرمانىيەنىڭ ئىتالىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «ZDF.de» تور بېتى، «Sea Watch 3» پاراخوتى كاپىتانىنىڭ تۇتۇلۇشى: «ئەسلىدىكى سەتچىلىك ئاقدېڭىزدا كىشىلەرنىڭ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈشىدۇر» دېگەن سەرلەۋھىدە خەۋەر ئېلان قىلدى.

گېرمانىيە سودا خەۋەرلەر تورى (Deutsche Wirtschaftsnachrichten.de)، خىتاي، رۇسىيە ۋە تۈركىيەدە كىشىلەرنىڭ دوللاردىن ئالتۇنغا يۈزلىنىپ، كۆپ مىقداردا ئالتۇن سېتىۋېلىشقا باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro )، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن ئىراننىڭ قويۇقلاشتۇرۇلغان ئۇران سەۋىيە چەكلىمىسىدىن ئاشقانلىقى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاس ئاگېنتلىقى» (TASS)، ئىركۇتسك (Irkutsk) رايونىدا سەل سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 14 كە، ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغانلارنىڭ 13 كە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya)، تۈركىيەنىڭ «S-400» لەرنى سۈرىيە ياكى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ئورۇنلاشتۇرالىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مېكسىكادا چىقىدىغان «ئېل يۇنىۋېرسال گېزىتى» (El Universal)، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ مېكسىكا پىرېزىدېنتى لوپېز ئوبرادور (Lopez Obrador) نى ماختىغانلىقىنى ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى سەۋەبىدىن تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «لا گۇاردىيا گېزىتى» (La Vanguardia)، ئارگېنتىنانىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس ۋەقەسىدە ئەڭ ئاز دېگەندە 13 كىشىنىڭ ئۆلۈپ، 30 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر