31.05.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1211627
31.05.2019

لىۋاندا چىقىدىغان «ئەلھايات» گېزىتى، مىسىر پىرېزىدېنتى سىسىنىڭ ئەرەبلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى خەتەرگە ئىتتىرىشكە تەييار ئەمەسلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «ئەششەرقۇل ئەۋسەت» گېزىتى، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالماننىڭ رايوندا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان ئىرانغا قارشى خەلقئارانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغانلىقىنى يازدى.

«ئەل قۇددۇس ئەلئەرەبى» گېزىتى، ئەرەب دۆلەتلىرى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا ئىراننىڭ رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنىڭ ئەيىبلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

« Spiegel » گېزىتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماس بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان « فرانكفۇرتېر ئاللگېمېيىن زېيتۇڭ» ( Frankfurter Allgemeine Zeitung)گېزىتى مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:« خەلقئارا باشقۇرۇش شەكلىنى ئىلغارلاشتۇرۇش مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دۇنيا رىقابەت كۈچى دوكلاتىدا گېرمانىيەنىڭ رىقابەت ساھەسىدە 17-رەتكە چۈشۈپ قالغانلىقى قەيت قىلىندى.»

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى: «گېرمانىيەدە ئىككى ياشلىق سىڭلىسىنى ئوت كەتكەن ئاپتوموبىلدىن چىقىرىپ ھاياتىنى قۇتقۇزغان 10 ياشلىق كەنان بۈيۈكھانغا مېدال بېرىلدى، مۇكاپاتنى باۋارىيە ئىشتاتىنىڭ باشلىقى ماركۇس سۆدەر تەقدىم قىلدى.»

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئەل-پايىس » (El País) گېزىتى، ئىسپانىيە جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇنۇ ئۇچۇرىغا ئورۇن ئاجراتتى: «ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ يېرىمى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى خالايدىكەن.»

مېكسىكىدا چىقىدىغان « ئەل يۇنىۋېرسال» (El Universal) گېزىتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكاغا كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن، مېكسىكا ماللىرىدىن  %5 تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر»( Telesur)گېزىتى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتچىسى پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ مېكسىكا چېگراسىغا تام سېلىش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى يازدى.   

لى موندې گېزىتى، «ترامپ ئامېرىكا-مېكسىكا مۇناسىۋەتلىرىنى كەسكىنلەشتۈردى»سەرلەۋھىسى ئاۋستىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.

لې پارىسىيان گېزىتى، فىرانسىيەدىكى سېرىق جىلىتكىلىكلەر ھەرىكىتىدە نامايىشچىلارنى يارىلاندۇرغان ساقچىلارنىڭ سۇلىھ جىنايىي ئىشلار مەھكىمىسىدە سوتلىنىدىغانلىقىنى يازدى.

 

رۇسىيەدىكى «رىيا نوۋوستى»خەۋەر ئاگېنتلىقى، «رۇسىيە ياپونىيەگە ۋىزىلارنى بىكار قىلىش تەكلىپىنى بەردى»سەرلەۋھىسى ئاستىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا»  (İzvestiya )گېزىتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋنىڭ رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئامېرىكانى ئەيىبلىگەنلىكىنى يازدى.»

«Lenta.ru» خەۋەر تور بېتى، رۇسىيەنىڭ ئىرانغا «س-400»تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىپ بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر