27.05.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1208698
27.05.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: لىۋاندا چىقىدىغان «ئەلھايات» گېزىتى، باغدادنىڭ تېھران بىلەن ۋاشىنگتون ئارىسىدا مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك رولىنى ئويناش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىدىغان «ئەششەرق ئەلئەۋسات» گېزىتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ياپونىيەنىڭ يېڭى ئىمپېراتورى بىلەن كۆرۈشكەن تۇنجى چەت ئەللىك لىدېر بولغانلىقىنى يازدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفنىڭ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن «رايون خاراكتېرلىك ئۆزئارا ھۇجۇم قىلماسلىق كېلىشىمى» ئىمزالاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

گېرمانىيە ئاۋازى (DW)، ياۋروپا پارلامېنتى سايلاملىرىدا خەلقچىل كونسېرۋاتىپلار بىلەن يېشىللارنىڭ ئاۋاز نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «سۈددېئۇتچې زېيتۇڭ» گېزىتى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەھۇدىي ئايرىمچىلىقىغا قارشى تۇرۇشقا مەسئۇل ئەمەلدارى كلېئىننىڭ، گېرمانىيەدە ياشايدىغان يەھۇدىيلارنى ھەممىلا يەردە كىچىك دوپپىسىنى كىيىپ يۈرمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى يازدى.

يەنە گېرمانىيەنىڭ «زدف.دې» گېزىتى، گېرمانىيەدە يەھۇدىي دۈشمەنلىكىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى، يەھۇدىي مەركىزىي كېڭىشىنىڭ «يۆنىلىش ھەقىقەتەن ناچار» دېگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائېس» گېزىتى، ئىسپانىيە سوتسىيالىست ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت سايلىمىدا يەنە كۈچىنى نامايان قىلغانلىقى، بىراق مادرىدتا ئوڭچىلارنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل مۇندو» گېزىتى، ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقلىرى سايلىمى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىپ، ئىسپانىيە سوتسىيالىست ئىشچىلار پارتىيەسى باشلىقى ۋە باش مىنىستىر پېدرو سانچېزنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملىگەنلىكىنى، باش مىنىستىر سانچېزنىڭ پارتىيەسىنىڭ سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى يازدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر» گېزىتى، ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورج ئاررېئازانىڭ، دۆلىتىنىڭ مالىيە جەھەتتىن مۇھاسىرىگە ئېلىنىشى ۋە تاراتقۇلاردىكى تەتۈر تەشۋىقاتلارنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، 2019 – يىلىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى سايلاملىرىدا، ئەنگلىيەدە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىنى قوللايدىغان پارتىيەنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو» گېزىتى، ياۋروپادا ئەنئەنىۋى پارتىيەلەرنىڭ چېكىنگەنلىكىنى، يېشىللارنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

يەنە فىرانسىيەدە چىقىدىغان «Ouest-France» گېزىتى، ماكروننىڭ سايلاملاردا چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى، تۇنجى مەغلۇبىيىتىنى ئالغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «ۋېستى.رۇ» گېزىتى، دۇنيا مۇز توپى چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە فىنلاندىيەلىكلەرنىڭ ئالتۇن، كانادالىقلارنىڭ كۈمۈش، رۇسلارنىڭ مىس مېدالغا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» خەۋەرلەر تورى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ، كالىنىنگراد رايونىدىكى يانتارنىي ناھىيەسىدە چوڭقۇر دېڭىز پورتى قۇرۇش لايىھەسىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا» گېزىتى، رۇسىيە ئورتودوكس چېركاۋى موناخى كىرىلنىڭ، رۇسىيە ئورتودوكس چېركاۋىنىڭ كۈندە ئۈچ چېركاۋ سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر