چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 23.02.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1206754
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 23.02.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەنىڭ «‹ Welt› تېلېۋىزىيە قانىلى»، پۈتكۈل ياۋروپادا دېگۈدەك ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ DW › خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيەدە باشلانغۇچ مەكتەپتە قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياغلىق چېگىش چەكلىمىسى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغاۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى» دە، مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋەكىلى جەيسون گرېنبلات، <پەلەستىن خەلقىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى> دەپ ئاتىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرق پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش ئورگىنى (UNRWA) نىڭ تاقىلىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى .»

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى» دە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرق پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش ئورگىنى (UNRWA) نىڭ، يېمەك - ئىچمەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن 60 مىليون دوللارغا ئېھتىياج بارلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «‹ئەلھايات› گېزىتى»، ئىيوردانىيە پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھنىڭ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە كەتكەنلىكىنى يازدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «<ئەلمۇندو> گېزىتى» (El Mundo) دە، 1994 – يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فلورىدا ئىشتاتىدا 3 كىشىنى ئۆلتۈرگەن ئىسپانىيەلىك پابلو ئىبارنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە ئۆلۈم جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقى قەيت قىلىندى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Figaro  › گېزىتى»، «ۋېنېزۇئېلا تاراتقۇلىرى نورۋېگىيە ۋېنېزۇئېلا  پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو بىلەن گۇئەيدو ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچىلىك قىلىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

شىۋېيتسارىيەدە چىقىدىغان «<لې تېمپس> گېزىتى» (Le Temps)، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ باج باياننامىلىرىنىڭ خەلق ئاممىسىغا ئوچۇق بولۇشى ئۈچۈن نىيۇ يوركتا قانۇن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «‹ TASS › ئاگېنتلىقى »، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيەدىن ئۇكرائىنالىق دېڭىزچىلارنى قويۇپ بېرىشىنى ۋە قىرىمدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ Lenta.ru › خەۋەرلەر تورى»، ئۇكرائىنا پارلامېنتىنىڭ رادا زېلېنىسكىنىڭ سايلام قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەنىڭ «‹ RIA Novosti› خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «قىرىم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيەدىن قىرىمدىكى قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش تەلىپىگە جاۋاب قايتۇردى. قىرىم پارلامېنت ئەزاسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر