30.04.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1192337
30.04.2019

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىدىغان «ئەششەرق ئەلئەۋسات» گېزىتى، لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىنىڭ «كوچا توقۇنۇشلىرى»غا سەھنە بولىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى باشقا رايونلاردىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشىتى.

لىۋىيەدە چىقىدىغان ئەل-ھايات گېزىتى، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ باجنى ئاز بېرىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، باج ئېلىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «deutschlandfunk.de» تورى،گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى ھېيكو ماس ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ تۇنجى ھۆكۈمەت ۋەكىلى سالاھىيىتىدە بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى بولسونارو تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيە ئاۋازى، گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ خەلقئارانىڭ نارازىلىقىغا قارىماي سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەسكەرلەرگە ھەربىي تەلىم-تەربىيە بېرىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «دىيارو دې سېۋىللا » (Diario de Sevilla)گېزىتى، پېدرو سانچېز ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى.

«لا ۋانگۇرىياد» (La Vanguardia)گېزىتى، شەرقىي ۋە ئوتتۇرا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيە خەۋپى تۈپەيلى ھەربىي چىقىملىرىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىسپانىيەنىڭ «El Paıs» گېزىتى، ئىسپانىيەدىكى يۇرتتاشلار پارتىيەسىنىڭ سانچېزغا سىياسىي ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزاكىرىلەرگە قاتناشمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

شىۋېتسىيەدە چىقىدىغان «لې تېمپس» ( Le Temps)گېزىتى، شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇداپىئە ساھەسىگە زور مىقداردا مەبلەغ ئاجىرىتىۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لى فىگارو» (Le Figaro) گېزىتى، دائېش كاتتىبېشىنىڭ 5 يىلدىن كېيىن بىر تەشۋىقات ۋىدېئوسىنىڭ تارقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې» ( Le Monde)گېزىتى، 2019-يىلنىڭ دەسلەپكى چەرىكىدە فىرانسىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيە خەۋەر تور بېتى « Lenta.ru »، ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئورتاق پۇقرالىقنىڭ ھەم رۇسىيە ھەمدە ئۇكرائىنا خەلقىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى رىيا نوۋوستى مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى:« زېلېنسكىينىڭ  خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە ئىشلىرى بويىچە مەسلىھەتچىسى ئىۋان پاشىن، كىيىۋ ھۆكۈمىتىنىڭ <تۇيۇقسىز ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقى>نى دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «تاس» (TASS)، رۇس ئاۋىئاتسىيە شىركىتى <Utair >نىڭ بازاردىن چېكىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، چۈنكى 2018-يىلدا تارتقان زىياننىڭ 22 مىليارد رۇبلى بولغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.


خەتكۈچ: #La Vanguardia , #TASS

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر