29.03.2019

چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1173284
29.03.2019

 

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە چىقىدىغان «ئەلشەرق ئەلئەۋسەت» گېزىتى، ئىراننىڭ ئېغىر سۇ ئاپىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ ھەقتىكى ئاخباراتلارغا چەكلىمە قويۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بەھرەيندە چىقىدىغان «Ahbar Al-Khalij» گېزىتى، بەھرەين پارلامېنتى باشلىقىنىڭ «ئىراننىڭ تېررورلۇقى رايوننىڭ شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقى ئۈچۈن بىر تەھدىتتۇر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «Al-Hayat» گېزىتى، قورشاۋ ئاستىدىكى غەززە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى رايوندا يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە تەخمىنەن 40 نەپەر پەلەستىنلىك كىچىك بالىنىڭ شېھت قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

«Merkur.de» تورى ئەردوغاننىڭ ئاياسفويانى جامەگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ARD» قانىلى، گېرمانىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىپ بېرىش ئمېبارگوسىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتماقچى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«Spiegel Online» تورى، ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبستاننى يادرو تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

«Le Monde» گېزىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇقنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىگە قارشى قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا چاقىرىق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Le Figaro» گېزىتى، فىرانسىيەنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى 200 ۋە 300 گە يېقىن فىرانسىيەلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلمەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Libération» گېزىتى، فىرانسىيە تۈرمىلىرىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈۋېلىش ۋەقەلىرى نىسبىتىنىڭ 2018يىلىدا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«El País» گېزىتى، «مادۇرو ھۆكۈمىتى گۇايدۇنىڭ 15 يىلغىچە دۆلەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىشىنى چەكلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

«El Mundo» ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ كاتالونيا ھەققىدىكى سوئالغا ئاچچىقلاپ، سۆھبەتنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيە رادىيو تېلېۋىزىيە قانىلى «Rtve.es»، يەر شارى خاراكتېرلىق ئىسسىپ كېتىش سەۋەبىدىن دېڭىزلارنىڭ سۇ سەۋىيەسى ۋە ئىسسىقلىقىنىڭ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىگە چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «Ria Novosti» ئاگېنتلىقى، بېرازىلىيەنىڭ رۇسىيەنى ۋېنېزۇئېلادىكى ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە چاقىرىق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

 رۇسيىەنىڭ «İzvestiya» گېزىتى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رۇسىيەگە قارشى يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق سىياسەتلىرىنى يولغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

رۇسىيەنىڭ «TASS» ئاگېنتلىقى، يالغان خەۋەرلەرنىڭ شۇنداقلا رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت سىمۋوللىرى ۋە ئوگانلىرىغا ھاقارەت قىلىش خاراكتېلىق ئىنتېرنېتتىكى ماتېرىياللارنىڭ چەكلىنىشىگە ئالاقىدار 2 قانۇننىڭ جۈمە كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! يۇقىرىدا چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزنى ئاڭلىدىڭلار!

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر