چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 14.03.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1163465
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 14.03.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى»، شىئە رەھبەر سىستانىنىڭ ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بەھرەيندە چىقىدىغان «‹ئەلخەلىج› گېزىتى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراننىڭ تېررورىزمنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشىگە قارشى  كۈرەش قىسمى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررۇئيۇل قەتەرىييە› گېزىتى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن دۆلەتلەرنىڭ دەپسەندىچىلىكلىرىنى پاش قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ DW › خەۋەرلەر تورى»، سەئۇدى ئەرەبىستان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى لۇدسچاين ئەلخەسلۇلنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ 10 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن سوتقا تارتىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ ARD› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋىرىدە، ئارتىس لورى لوگلىننىڭ، پارىخورلۇق گۇماندارلىقى – ئۇنىۋېرسىتېتتىكى پارىخورلۇق سەتچىلىكى ۋەقەسى بىلەن چېتىلىپ قولغا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ RIA Novosti› خەۋەر ئاگېنتلىقى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ، «ئوچۇق كۆك يۈزى كېلىشىمى» دائىرىسىدە رۇسىيە تېرروتېرىيەسىدە كۆزىتىش ئۇچۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان«‹ Izvestiya› گېزىتى»،  رۇسىيەدە « Boeing 737 Max » شىركىتىنىڭ بارلىق ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشلىرىنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ TASS › ئاگېنتلىقى »، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ، «رۇس تىلىنى ئوتتۇرا ھال سەۋىيەدە سۆزلىيەلەيدىغان دەرىجىگە يەتتىم، ھەتتا پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەنمۇ رۇس تىلىدا چاقچاقلىشالايمەن» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «< Libération> گېزىتى»، باڭلادېشنىڭ مىڭلارچە روھىڭيالىق مۇساپىرنى قاقاس بىر ئارالغا ئورۇنلشتۇرىدىغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «<ئەلپائىس> گېزىتى» (El País)، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مېسسىنىڭ ماھارىتى سايىسىدا چېمپىيونلار بىرلەشمە مۇسابىقىسغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر