27.02.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1153712
27.02.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قاتاردا چىقىدىغان «ئەل رايا ئەل قاتارىيا گېزىتى» (Al-Raya Al-Katariya )، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ، «قاشىقچى جىنايىتى سەئۇدى ئەرەبىستان ئۆتكۈزگەن جىنايەتلەرنىڭ ئىسپاتىدۇر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە چىقىدىغان «ئەلشەرق ئەلئەۋسات گېزىتى» (Alsharq Alawsat)، يۈزلەرچە سۈرىيەلىكنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئاخىرقى رايوندىن چىققانلىقىنى ۋە تەڭپۇڭ رايوندا توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە چىقىدىغان «ئەل ئېمرات ئەلياۋم گېزىتى» (El-Emarat El-Yaum)، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋات زارىفنىڭ ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى قىسمىنىڭ بېسىمى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيەدە ياسالغان قوراللارنىڭ يەمەندە بىلىنگەندىن بەكرەك مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ ئا ر د (ARD) تېلېۋىزىيەسى، نۈرنبېرگدا ناتسىستلارچە يۈرۈشنىڭ نارازىلىقلارغا سەۋەب بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ سپېيگېل ئونلاين (Spiegel Online) تور بېتى، گېرمانىيەدە ئابونتلارنىڭ يىلدا 9 مىليارد ياۋرو قىممىتىدە ئېلېكتىر ئىسىراپ قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo) ۋېنېزۇئېلانىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ياۋروپانىڭ «يېڭى سايلام ئۆتكۈزۈش» ئۇلتىماتومىنى رەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پايىس گېزىتى» (El País)، ئامېرىكانىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مادۇرونى تىنچلىق شەكىلدە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگۈزۈش ئۈچۈن بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيەگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

شىۋېيتسارىيەدە چىقىدىغان «لې تېمپس گېزىتى»، 2018-يىلى شىۋېيتسارىيەنىڭ قورال ئېكسپورتىدا 63 مىليون فرانك ئېشىش كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «ئىنتېرفاكس ئاگېنتلىقى» (Rus İnterfak)، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ، ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلا ۋەزىيىتىگە قوراللىق ئارىلىشىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەش تىرىشچانلىقلىرىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «lenta.ru» خەۋر تور بېتى، ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ رۇسىيەگە بىرىنچى قېتىملىق سىبەر ھۇجۇمى قىلغانلىقىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya)، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمەت ھەيئىتىنىڭ كۇرىل ئارىلىنى زىيارەت قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر