30.01.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

1135883
30.01.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە چىقىدىغان «ئەلشەرق ئەلئاۋسات گېزىتى» (Alsharq Alawsat)، گوگۇلنىڭ قىزلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «ئەل ھايات گېزىتى» (Al Hayat)، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ قاتار ئۈستىدىن  ماللىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې پارىسىيىن گېزىتى» (Le Parisien)، فىرانسىيەنىڭ 15 رايونىدا قار ۋە يەرلەرنىڭ مۇزلىشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro )، 2018-يىلى فىرانسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىنىڭ %1.5 گە تۆۋەنلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«لىبېرىيشىن گېزىتى» (Liberation)، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ «سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشى» نىڭ زورلۇق كۈچ بىلەن باستۇرۇلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «ئىقتىساد ھەپتىسى گېزىتى» (WirtschaftsWoche)، «دۇنيادا چىرىكلىك ئەۋج ئالماقتا» سەرلەۋھىسىدە خەۋەر ئېلان قىلدى.

بىر خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئىقتىسادىي ساھەدە، گېرمانىيەنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىدا ۋە تەشكىلاتلاردا پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك كۆپەيمەكتە ئىكەن.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «بىلد گېزىتى» (Bild)، گېرمانىيە ناتسىستلىرىنىڭ چېخىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە بۇلغارىيەدە قورال ئېتىشنى ئۆگەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، گېرمانىيەدىكى ئاشقۇن ئوڭچىلار چەت ئەلدە قورال ئېتىشنى سىستېمىلىق ئۆگىنىش ئۈچۈن توپلانغان.

«ئا ر د تېلېۋىزىيەسى» (ARD)، گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ بىرلىكتە يۇقىرى سۈرئەتلىك تېز پويىز ياساشنى پىلاۋاتقانلىقىنى، بۇ شېرىكلىكنىڭ خىتايغا قارشى تەرىپىنىڭمۇ بارلىقىنى، بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقىدا بەزى جەھەتلەردىن ئەنسىرەشلەرنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى تور بېتى» (RİA Novosti)، رۇسىيەلىك بىر گېنېرالنىڭ، رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىسا، يۈز بېرىدىغان ئاقىۋەتلەرنى چۈشەندۈرگەنلىكىنى ۋە ئامېرىكانىڭ دەرھال كۇرىل ئاراللىرىغا ئەسكەر چىقىرىپ، بازا قۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا خەۋەر بېتى» (Lenta)، رۇسىيەنىڭ شىمالىي كورېيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رۇسىيەنىڭ شىمالىي كورېيەگە ھېچقاچان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ياساپ بېرىشنى تەكلىپ قىلمىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya)، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ، ۋېنېزۇئېلانىڭ رۇسىيە ۋە خىتايغا بولغان بارلىق ئىقتىسادىي جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «ئۇلتىماس نوتىكىياس گېزىتى» (Ultimas Noticias)، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرونىڭ ۋېنېزۇئېلادىكى زوراۋانلىقلارغا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El País)، ئىسپانىيەدە چەت ئەللىك بالىلارنى بېقىۋېلىشنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك كۆپەيگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، ئىسپانىيەنىڭ ئەڭ باي كىشىلىرى تىزىملىكىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى، سول داررېللانىڭ ئەڭ باي ئايال بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر