21.12.2018

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1111339
21.12.2018

 

 

ئەنگلىيەنىڭ «Reuters» خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ ھەرقانداق چاغدا ھەربىي ھەرىكەت باشلىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ ئىلگىرى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلمىغان جايلارغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە ئاقساراي دائىرىلىرىنىڭمۇ ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

ئىراننىڭ «مېھر» خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلايمان سويلۇنىڭ پاكىستاندا قىلغان سۆزىدە، «كەلگۈسى كۈنلەردە ئىران، ئافغانىستان ۋە پاكىستان مەسئۇللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، قالايمىقان كۆچ مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلىشىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «تۈركىيە ئامېرىكادىن 120 دانە ئالۋاستى ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكانىڭ «AP» خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۈركىيەگە 3 يېرىم مىليارد دوللارلىق «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بېرىش تەكلىپى سۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «Ria Novosti» خەۋەر ئاگېنتلىقى، رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى (كرېمل)نىڭ باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋنىڭ «S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى سېتىپ بېرىشقا ئالاقىدار تۈركىيە - رۇسىيە كېلىشىمىنىڭ بەزى سەزگۈر مەلۇماتلارنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشماسلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ۋە رۇسىيەنىڭ بۇ جەھەتتە تۈركىيەگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «Ria Novosti» خەۋەر ئاگېنتلىقى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تۈركىيەنىڭ بىر تەرەپتە ناتو ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسئۇلىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزئالدىغا مۇستەقىل سىياسەتلەرنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىراننىڭ «مېھر» خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن 2 كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى، تۈركىيە ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدا سەھىيە ساھەسى بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى ۋە ئۇچۇر، مېديا پىكىر بىرلىكى كېلىشىمى تۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

گېرمانىيەنىڭ «DPA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنجى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چوڭ تەييارلىقنى تېزلەشتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاينىڭ شىنلاڭ خەۋەر تورى، تۈركىيە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇخسار پەكجاننىڭ: «تۈركىيە ئامېرىكانىڭ پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا قويغان قوشۇمچە تاموژنا بېجىغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا سۇنغان تۇنجى ئەرزنامىدە ئۇتۇققا ئېرىشتى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتكە تەييارلىق قىلىۋاتقان پەيتتە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى سۈرىيەدىن چېكىندۈرىدىغانلىقى ھەققىدە تۈركىيەگە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى، ئامېرىكا سۈرىيەدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە لىراسىنىڭ قىممىتىنىڭ %1.3 ئۆرلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.       



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر