چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 13.07.2018

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1011948
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 13.07.2018

 

رۇسىيەنىڭ «TASS» خەۋەر ئاگېنتلىقى، يېڭى ھۆكۈمەت سىستېمىنىڭ بىرىنچى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋەزىپىسىنى باشلىغاندىن كېيىنكى تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى ئەزەربەيجان ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىن باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

ئىراننىڭ «IRNA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قىبرىسنىڭ مىللىي داۋا ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «TASS» خەۋەر ئاگېنتلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق باشقۇچىدا ئۇتۇقنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «Le Monde» مېدىيا ئورگىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يېڭى بىر دەۋرنى باشلاشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيە ئاۋازى رادىيوسى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) باش كاتىبى جېنس سىتولتېنبېرگنىڭ تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىۋىلىشىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىتالىيەنىڭ «Agenzia NOVA» مېدىيا ئورگىنى، تۈركىيەنىڭ يېڭى ئارمىبە باش ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەر بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «Frankfurter Allgemeine Zeitung» مېدىيا ئورگىنى، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن رەسمىي دۆلەت رەئىسى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

رۇسىيەنىڭ «Ria Novosti» خەۋەر ئاگېنتلىقى، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ يانۋاردىن ئېيىدىن ماي ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە، %46.2 ئاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ «AP» خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيەدە پارلامېنتقا سابىق باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ باشلىق بولۇپ سايلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

ئەنگلىيەنىڭ «REUTERS» خەۋەر ئاگېنتلىقى، گىرېتسىيە باش مىنىستىرىنىڭ: «تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە ئەگەدىكى يىرىكچىلىكلەرنى پەسەيتىش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلدى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر