چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە 2018.03.16
بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
خىتاينىڭ «Huanqiu Shibao» گېزىتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى قوش ئۆلچەملىك مۇئامىلە قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى ۋە سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىشكە چاقىرىق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئامېرىكىدىكى تۈركىيە - ئامېرىكا تور بېتى، تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئافرىندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، نەتىجىلىك ئىشلىتىلىۋاتقان يەرلىك ئاتاك تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ كىلىستە تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
گېرمانىيەنىڭ «Bild» ئىنتېرنېت تورى، تۈركىيەنىڭ 2018 – يىلىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 38 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
رۇسىيەنىڭ «Interfax» خەۋەر ئاگېنتلىقى، بۇ پەسلىدە رۇسىيەنىڭ تۈركىيەدىن 50 مىڭ توننا پەمىدۇر ئېمپورت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ھازىردىن باشلاپلا تۈركىيەنىڭ رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلغان پەمىدۇر مىقتىدارىنىڭ 10 مىڭ توننىغا يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئەنگلىيەنىڭ رۇيتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ 19 – مارتتا ئېلىپ بارماقچى بولغان ئامېرىكا زىيارىتىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ئىراننىڭ «İRNA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ «ئامېرىكا تېررولۇق تەشكىلاتلىرىغا ياردەم بېرىشنى توختاتسۇن» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ئامېرىكىدىكى تۈركىيە - ئامېرىكا تور بېتى، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ «تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى شەخىسلەرگە چېتىشلىق ئەمەس» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ئىراننىڭ فارس خەۋەر ئاگېنتلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ «سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنىڭ قوغدىلىشىنى قوللايمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئىمزالاشقان 18 – مارت كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇپ ئېلىش كېلىمىشى دائىرىسىدە، سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ تۈركىيەدە پاناھلىنىشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئىككىنچى 3 مىليارد ياۋرولۇق قوشۇمچە ياردەمنى تەستىقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! يۇقىرىدا ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزنى ئاڭلىدىڭلار!