چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 10.01.2018

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

885243
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 10.01.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سېربىيەدە چىقىدىغان «‹ Blic› گېزىتى»، «ئەردوغان پارىژدا تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنقەرەنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىشىنى كۈتۈشتىن زېرىككەنلىكىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارىژدا تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنقەرەنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىشىنى كۈتۈشتىن زېرىككەنلىكىنى ئېيتتى. فىرانسىيەدە بىر كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان ئەردوغان ماكرون بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئەنقەرەنىڭ ئاخىرغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى كۈتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز 1963 – يىلى تۇنجى قەدەم تاشلىغان ئىدۇق، ئارىدىن 54 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، تولىمۇ ئەپسۇسكى، تۈركىيە تېخىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئەزا بولۇشنى كۈتمەكتە، بىزمۇ، دۆلىتىمىزمۇ بۇنىڭدىن تولىمۇ زېرىكتۇق.»

گېرمانىيەنىڭ «‹ DPA › خەۋەر ئاگېنتلىقى»، «گابرىئېل گېرمانىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ئىستىراتېگىيەلىك دىيالوگ ھەققىدە قايتا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش لازىملىقىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىگمار گابرىئېل بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بېرلىن – ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. چاۋۇشئوغلۇنىڭ گوسلار زىيارىتىدە چاۋۇشئوغلۇ بىلەن گابرىئېل ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرلىرىغا گېرمانىيە – تۈركىيە ئىقتىسادىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قايتىدىن بىر يەرگە جەم بولۇشنى تەۋسىيە قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، گابرىئېل  تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەۋىيەسىدە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق ھەققىدە قايتا سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكىنىڭ تۈرك تىلىدا خەۋەر تارقىتىدىغان ئىنتېرنېت تور بېتى: «پېنسىلۋانىيەنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا بار» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىرانسىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيەگە قايتىشىدا ئايروپىلاندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەن مەسىلىسىدە قەدەم تاشلىماسلىقىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «پېنسىلۋانىيەنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بار. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشىنى ئامېرىكىدا بېقىپ، ئۇنىڭغا 400 دۆنۈملۈك زېمىننى بەرگەن ئامېرىكا تولىمۇ ئەپسۇسكى، بىر قەدەممۇ تاشلىغىنى يوق، ئەمما بىز بۇ ھەقتە داۋاملىق قەدەم تاشلايمىز.»

گېرمانىيەنىڭ «‹ DW › خەۋەر تورى»، «تۈركىيەلىك ۋە گېرمانىيەلىك مىنىستىرلاردىن ئىجابىي سىگنال» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيەگە قىلغان بىر كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى ھەمدە تۈركىيە بىلەن – گېرمانىيەنىڭ بەزى مەسىلىلەردە ئوخشاش قاراشقا ئىگە ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بەزى مەسىلىلەردە قىسمەن ئىختىلاپلار ئوتتۇرىغا چىقتى، ھەتتا مۇناسىۋەتلىرىمىز يىرىكلىشىپ كەتتى، بىراق بىز قىيىن ئۆتكەلدىن دىيالوگ ئارقىلىق ئۆتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشەندۇق. جۈملىدىن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئۆزئارا چۈشىنىش، دىيالوگ ۋە سەمىمىي ھەمكارلىق ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.»

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر