چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 27.12.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

876557
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 27.12.2017

ئامېرىكىدىكى تۈركچە تور بېتى «ئەردوغان بىلەن ئەل-بەشىر ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «سۇداندا رەسمىي زىيارەتتە بولغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن سۇدانلىق مەنسەبدېشى ئۆمەر ئەل بەشىر ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلدى. خىتابنامىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى قۇرۇلۇپ كونكرېت قەدەمنىڭ تاشلانغانلىقى تەكىتلەندى. خىتابنامىدە ئەردوغاننىڭ سۇدان زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كۈچلۈك تارىخىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەرگە تايانغان قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەش دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.»

ئىران ئىرىب رادىيوسى: «كالىن: تەھدىت بىلەن دىپلوماتىيە ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى: «جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئامېرىكىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشنى قارار قىلىشىدىن كېيىن دۇنيا ۋەزىيىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر توغرۇلۇق ماقالە يازدى. كالىن قۇددۇسنى ئىرقچى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك قارارنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە رەت قىلىنغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ:  ب د ت نىڭ قۇددۇس قارارى پۈتكۈل دۇنيانى بىرلەشتۈردى، تەھدىت بىلەن دىپلوماتىيە ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ، دېدى.»

رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى Sputnik: «گوللاندىيەدىكى ئاپشاركا بىلەن تەكشۈرۈش خىزمىتىگە تۈركىيە دەرھال ئىنكاس قايتۇردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستېردامدىكى سىچىپول ئايرودۇرۇمىدا گوللاندىيەدە ساياھەت قىلىدىغان تۈركىيەلىك يولۇچىلارنىڭ ئاپشاركىلار بىلەن تەكشۈرۈلۈشىدىن كېيىن، گوللاندىيەدىن تۈركىيەگە كېلىدىغان يولۇچىلارنىڭ يۈك-تاقىلىرىمۇ ئاپشاركىلار بىلەن تەكشۈرۈلدى. ئىستانبۇلدىكى ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمى خەلقئارا لىنىيەسى بېكىتىدە تەدبىقلانغان بەلگىمە دائىرىسىدە، گوللاندىيەدىن كەلگەن بىر قىسىم يولۇچىلارنىڭ يۈك-تاقلىرى ئاپشاركىلار بىلەن تەكشۈرۈلدى. تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يولۇچىلار تاموژنىدىن ئۆتتى.»

ئىران ئىرىب رادىيوسى: «تۈركىيە بىلەن ئىران پارلامېنت باشلىقلىرى كۆرۈشتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل كارامان رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتا، ئىران پارلامېنت باشلىقى ئەلى لارىجانى بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە ئىككى رەھبەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد بولۇپ ھەر قايسى ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتى، كارامان ئىران بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، پارلامېنت ھەيئەتلىرىنىڭ ئۆز-ئارا كۆرۈشۈشلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.»

رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى : «ئاۋسترىيە ئۆز ئالدىغا تۈركىيەگە توسالغۇ بولالمايدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «ئاۋسترىيە پىرېزىدېنتى سەباستىيان كۇرزنىڭ تۈركىيەگە قارشى بەرگەن باياناتلىرى ياۋروپادا ئىرقچىلىق ھادىسىسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىسىدۇر، مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، باش مىنىستىر سەباستىيان كۇرزنىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى توغرۇلۇق بەرگەن باياناتى ياۋروپادا باش كۆتۈرگەن ئىرقچىلىق ۋە فاشىزمنىڭ مەھسۇلاتى ئىكەن ۋە كۇرزنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ قالالمايدىكەن، دەرۋەقە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى تۈركىيەنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان ئادەتتىكى دۆلەت ئەمەسلىكىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم، مەسىلەن، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماركون بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل  ئارىسىدا تۈركىيە توغرۇلۇق بولۇپ ئۆتكەن دىيالوگلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.»

قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقى «ئەنقەرەدە ئەزەربەيجان، قىرىم ۋە تۈركىيە سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى: «ئەرەربەيجان مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ باش مىنىستىرلىق تەشۋىقات مۇنبىرى، قىرىم جەمئىيىتى ۋە ئەنقەرە تۈرك دۇنياسى مۇزىكا توپلۇقى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىشىشى ئاستىدا <ئەزەربەيجان، قىرىم ، تۈركىيە سەنئەت ۋە قېرىنداشلىق پائالىيىتى>ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى، ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە تۈرك دۇنياسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇرغۇن كىشى ئىشتىراك قىلدى.»

رۇسىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى رىيا نوۋوستى: «تۈركىيەگە S-400 تىپلىق مۇداپىئە قالقان سىستېمىسى ئەۋەتىلىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «رۇسىيە مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى روستېچنىڭ باشلىقى سېرگېي چەموزوۋ تۈركىيەگە S-400تىپلىق مۇداپىئە قالقان سىستېمىسىنىڭ ئەۋەتىلىشى توغرۇلۇق توختالدى. مۇخبىرلارنىڭ تۈركىيەگە S-400 تىپلىق مۇداپىئە قالقان سىستېمىلىرىنىڭ قاچان ئەۋەتىلىشكە باشلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق سورالغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن چەمەزوۋ: 2019-يىلنىڭ ئاخىرى، 2020-يىلنىڭ باشلىرىدا ئەۋەتىلىشكە باشلىنىدۇ،دېدى. قانچىلىك سىستېما ئەۋەتىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق سورالغان سوئالغا قارىتا، چېمېزوۋ كېلىشىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنىشى نەتىجىسىدە ئېنىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چەمەزوۋ قەرز كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى رۇسىيە مالىيە مىنىستىرلىقى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر