چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 20.12.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

872383
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 20.12.2017

رۇسىيەدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى Sputnik « تۈرك ئېقىمى لايىھەسى تۈركىيەنىڭ قولىدىكى كوزۇرنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە ئېقىمى لايىھەسى تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، ناۋادا بۇ لايىھە ئىشقا ئاشقان تەقدىردە ياۋروپا دۆلەتلىرى ئېنېرگىيە ساھەسىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ، دەرۋەقە، پات يېقىندا گىرېتسىيە تۈركىيە ئارقىلىق تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىشقا باشلايدۇ، مۇتەخەسىسلەر تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ تۈركىيە- ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.»

ئىراندىكى ئىرنا خەۋەر ئاگېنتلىقى «ئەردوغان ياۋروپادا ئون مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن بالىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپادا ئون مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مۇساپىرلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئەنقەرەدە دۇنيا كۆچمەنلەر كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلغان ئەردوغان < كۆچمەنلەرنىڭ پۇللىرىنى، زىبۇ-زىننەتلىرىنى ھەتتا پەرزەنتلىرىنى مۇسادىرە قىلىۋالغان مەدەنىيەت ساھىبلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە دەيدىغان قانداقمۇ گېپى بولسۇن> دېدى. ياۋروپادا مۇساپىرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن <پاراخوت  ئەۋەتىشنىڭ ئورنىغا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەۋەتەيلى> دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلغانلارنى تەنقىد قىلغان ئەردوغان، ياۋروپانىڭ ئىنسانىيلىقتىن بارغانچە يىراقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى دېدى.»

قاتاردىكى ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلى «تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قۇددۇس ئۈچۈن نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى، ئون مىڭلارچە ئادەم ئەنقەرەنىڭ مەركىزىگە يىغىلىپ پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە قۇددۇسنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن شوئار توۋلىدى. نامايىشچىلار ئىسرائىلىيە ۋە قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلغان ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشتى، نۇرغۇن ئاممىۋى تەشكىلات، كەسپىي ئۇيۇشمىلارنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئەنقەرە ۋە قوشنا ۋىلايەتلەردىن ئون مىڭلارچە ئادەم قاتناشتى. »

ئامېرىكىدىكى CNN خەۋەر قانىلى: «بېرگېر تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ھەمكارلاشسا نۇرغۇن مەسىلىنى ھەل قىلالاشى مۇمكىن، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئىزمىرغا كەلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى باشلىقى ئەلچى كىرىستىيان بېرگېر، سىياسىي جەھەتتىن ياۋروپا بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ دائىم كۈچلۈك بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. بېرگېر: <تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىدە دولقۇنسىمان ئەھۋال كۆرۈلگەن بولۇشى  مۇمكىن، بىراق ئىككى تەرەپ بۇلارنى ھەل قىلالايمىز.> تۈركىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلىش توغرۇلۇقمۇ توختالغان بېرگېر، تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى، تاموژنا كېلىشىمىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.»

ئامېرىكىدا تۈركچە خەۋەر تارقىتىدىغان بىر تور بېتى «قۇددۇس قۇربانلىق قىلىنىدىغان شەھەر ئەمەس»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، ئىنگىلىزچە چىقىدىغان ساباھ گېزىتىدە <قۇددۇس سېتىلمايدۇ>سەرلەۋھىسى ئاستىدا ماقالە يېزىپ مۇنۇلارنى بايان قىلدى: <قۇددۇس ئاۋام سىياسىتى ۋە بىرلا تەرەپنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىدىغان ياكى سېتىۋېتىلىدىغان ماكان ئەمەس. ناۋادا ئامېرىكا ھاكىمىيىتى ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق بەرپا قىلماقچى بولسا ئالدى بىلەن ئىسرائىلىيەنى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىشغالىيەت، چەتكە قېقىش ۋە مۈلۈكسىزلەشتۈرۈش سىياسەتلىرىدىن ۋاز كەچتۈرۈشى لازىم.»

ئىراندىكى پارس خەۋەر ئاگېنتلىقى «ئىران بىلەن تۈركىيە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ئورناتتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئىراننىڭ مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن زۇلپىقارى ئىران بىلەن تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك  ساھەسى ۋە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ئورناتقانلىقلىرىنى ئېيتتى. تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ تېھران زىيارىتى ئۈستىدە توختالغان زۇلپىقارى، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق كېلىشىملىرىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، مىنسىتىر سويلۇنىڭ تېھران زىيارىتىدە تېررورىزىم، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر