چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 29.11.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

857453
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 29.11.2017

ئامېرىكىدىكى تۈركچە-ئىنگىلىزچە تور بېتى «مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋامىنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە داۋاملاشتۇرىمىز»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: « ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشكەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ ھەپتە ئىچىدە دونالد ترامپ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى گۇرۇپا يىغىنىدا سۆز قىلىپ جۈمە كۈنى پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن كۆرۈشكەندە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ تەشكىلاتىغا قورال-ياراغ ياردەم قىلىپ خاتا قىلغانلىقلىرىنى تەن ئالغان ترامپ بىلەن بۇ ھەپتە ئىچىدە يەنە بىر قېتىم كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.»

CNN « تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك تېز سۈرئەتلىك پويىزى ئەسكىشەھەردە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك تېز سۈرئەتلىك پويىزى ئەسكىشەھەردە قۇرۇلغان ۋاگون زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.»

رۇسىيەدىكى Sputnik خەۋەر ئاگېنتلىقى «ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى ۋە قاتار ئەمىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى»سەرلەۋھىلىك  خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېلېفوندا قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامەد ئەل سانى ۋە بۇلغارىيە باش مىنىستىرى بويكو بورىسوۋ بىلەن كۆرۈشتى. ئەردوغان بورىسوۋ بىلەن كۆرۈشكەندە تۈركىيە-بۇلغارىيە مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت بۇلغارىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسلىكى ۋە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق مۇساپىسىنى تېزلەشتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەش قىلغان ۋە ئىككى رەھبەر بالاتتىكى تۆمۈر چىركاۋىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن 2018-يىلى 7-نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمغا بىرلىكتە قاتنىشىش ئۈچۈن كېلىشكەن. ئەردوغان قاتار ئەمىرى بىلەن كۆرۈشكەندە تۈركىيە-قاتار مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەن.»

ئامېرىدىكى تۈركچە-ئىنگىلىزچە تور بېتى «پ ك ك-ي پ گ تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىمىز»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىكلى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن <تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش ۋە  ئىسلام ھەربىي ئىتتىپاقداش قىسىملىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى>دا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز ھەر قانداق تەھدىتكە كۆز يۇمۇپ تۇرمايمىز، پ ك ك- ي پ گ تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىمىز ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىمىز، بۇ كۈرىشىمىزدە بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ بىزنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

رۇسىيەدىكى Sputnik خەۋەر ئاگېنتلىقى «تۈركىيە، ئىران ۋە قاتار تىرانسپورت ساھەسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:« تۈركىيە، ئىران ۋە قاتار ئارىسىدا سودا ماللىرىنى يۆتكەش ۋە تىرانسپورت ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇشنى مەزمۇم قىلغان كېلىشىم تۈركىيە ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، ئىران مەدەن، سانائەت ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى مۇھەممەد شەرىئاتمەدارى ۋە قاتار ئىقتىساد ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى شەيخ ئەھمەد بىن جاسىم بىن مۇھەممەد ئەل سانى قاتارلىق مىنىستىرلار تەرىپىدىن ئىمزالاندى. ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا تۈركىيە، ئىران ۋە قاتار ۋەكىللىرى ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق تىرانسپورت ساھەسىدە قولايلىق يارىتىشنى مەزمۇن قىلغاندىن سىرت، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە زېمىن ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلدى. »


خەتكۈچ: #CNN , #Sputnik

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر