چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 01.11.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

838699
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 01.11.2017

ئامېرىكا ئاۋازى «تۈرك لوبىسى چەت ئەلدە تېخىمۇ كۈچلۈك ھالغا كېلىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى باشلىقى مۇستافا يەنەرئوغلۇ چەت ئەلدە 6 مىليون تۈرك ياشاۋاتقانلىقىنى،  شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ چەت ئەلدىكى تۈرك لوبىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كەڭ دائىرلىك خىزمەت باشلىغانلىقىنى ئېيتتى. يەنەرئوغلۇ چەت ئەلدىكى تۈركلەر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا چەت ئەلدىكى تۈركلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە چارە تېپىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كومىتېت قۇرۇپ چىقىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى. چەت ئەلدىكى تۈركلەرنىڭ سانىنىڭ 6 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى، 5 مىليون تۈركنىڭ غەربىي ياۋروپادا، 650 مىڭ تۈركنىڭ فىرانسىيەدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان مۇستافا يەنەرئوغلۇ، چەت ئەلدىكى تۈركلەرنىڭ مېدىيا ئورگانلىرىنى ھەر جەھەتتىن قوللايدىغانلىقلىرىنى، چەت ئەلدىكى تۈرك ئۆيلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىدىغانلىقىنى، ئاممىۋى تەشكىللاتلىرىنى قوللاش خىزمەتلىرىنىڭ بولسا تېز سۈرئەتتە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقى «تۈرك ئېقىم لىنىيەسى 2019-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «رۇسىيەدىن تۈركىيەگە يىلدا 15 مىليارد 75 مىليون كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز يۆتكەيدىغان تۈرك ئېقىمى لىنىيەسىدىن 2019-يىلى گاز توشۇلۇشقا باشلايدۇ، تۈرك ئېقىمى لايىھەسى باياناتچىسى ساندېر ۋان روستېسلار ۋاقىپلاندۇرۇش يىغىنىدا مەزكۇر لايىھەنىڭ تۈركىيەدىن ياۋروپاغا تۇتۇشىدىغان لىنىيەسىنىڭ بوتاش-گازپىروم شىركىتىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا قۇرۇلىدىغان شىركەت تەرىپىدىن ياسىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.»

رۇسىيەدىكى SPUTNİK خەۋەر ئاگېنتلىقى «ئەردوغان: لوندۇندىن خىتايغا تۆمۈر يول لىنىيەسى بىۋاستە بەرپا قىلىنىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا باكۇ-تىفلىس-كار تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: <ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۆمۈر يول ئارقىلىق بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىمىز ۋە لوندۇندىن خىتايغا تۆمۈر يول لىنىيەسى ياسىلىدۇ.> باكۇ-تىفلىس-كارس تۆمۈر يول لايىھەسىنىڭ 1 مىليون يولۇچى بىلەن 6 مىليون 500 مىڭ توننا يۈك يۆتكەش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئەردوغان مۇنداق دېدى: «تۆمۈر يول لىنىيەسىدە 2030-يىلى 3 مىليون يولۇچى قاتناپ، 17 مىليون توننا  يۈك توشۇلىدۇ.»

ئەنگلىيەدىكى رويتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقى «رۇسىيە تۈركىيەنىڭ ئىدلىتبتە مۇقىملىق بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكساندېر لاۋرېنتيېۋ تۈركىيەنىڭ ئىدلبتە مۇقىملىق بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. سۈرىيە مەسىلىلىرى بويىچە چاقىرىلغان ئاستانا سۆھبەت يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئالېكساندېر لاۋرېنتيېۋ: <تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىدلىبتا توقۇنۇشماسلىق رايون بەرپا قىلىش ئۈچۈن زىممىسىگە چۈشكەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغانلىقلىرىغا ئىشىنىمەن ۋە ئىدلىبتا مۇقىملىق بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن>دېدى.»

شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقى «تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بىرلىكتە تارىخىي يىپەك يولىنى قايتىدىن جانلاندۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلو تۈركىيەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە تارىخىي يىپەك يولىنى بىرلىكتە جانلاندۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. تۈركىيە تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە ئېلان خەۋەرلەردە چاۋۇشئوغلو سابىق شانلىئۇرفا پارلامېنت ئەزاسى ئەمىن ئۆنەننىڭ تۈركىيەنىڭ خىتايدىكى تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. 2015-يىلى نويابىردا خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا <بىر بەلۋاغ بىر يول>ئىستىراتېگىيەسى دائىرىسىدە بارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان سىياسەتلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا <ئوتتۇرا كارىدور>لايىھەسى بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانىدى.»

قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقى «تۈركىيە نەھچىۋاندىن كەلگەن ماللاردىن تاموژنا بېجى ئالمايدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «ئەزەربەيجانغا قاراشلىق نەھچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدىن تۈركىيەگە ئەۋەتىلىدىغان ماللاردىن تاموژنا بېجى ئېلىنمايدۇ، ئەزەربەيجان ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا تۈركىيە ھۆكۈمىتى مىنىستىرلار كېڭىشى تەرىپىدىن بېرىلگەن قارارغا ئاساسەن، نەھچىۋاندا ئىشلەپچىقىرىلغان 13ى يېزا-ئىگىلىك، 30ى توقۇمۇچىلىق بولۇپ 43 مەھسۇلات ئېتىبار ماللار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋە بۇ مەھسۇلاتلاردىن تاموژنا بېجى ئېلىنمايدىكەن. بۇ قارار بۈگۈن ئىغدىر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەزەربەيجان-تۈركىيە سودا مۇنبىرىدىمۇ يىغىن ئەھلىگە يەتكۈزۈلدى. ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:بۇ قارار تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەمكارلىقىغا پايدىسى تېگىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر