چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 18.10.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

829391
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 18.10.2017

ئىراندىكى ئىرىب (IRIB) ئىنتېرنېت بېكىتى «يىلدىرىم ئىراق كۈرت <كورد>رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە يېڭى ئېمبارگو قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلغان باش مىنىستىر بىنالى يىلدرىم ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ 25-سېنتەبىردە قانۇنسىز رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈشىدىن كېيىن  مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە ئېمبارگو قويۇش مەسىلىسىدە ئىران ۋە ئىراق بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز، سۇلايمانىيە بىلەن ئەربىلگە قاتناۋاتقان ئايروپىلان سەپەرلىرى بىكار قىلىندى، دۆلەت خەۋپسىزلىك يىغىنىدا تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىنى شىمالىي ئىراققا تاقىۋېتىشنى قارار قىلدۇق، خەلىل ئىبراھىم چېگرا ئېغىزىنىڭ ئىراق مەركىزى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىلىشى ئۈستىدە خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز.»

فىرانسىيەدىكى AFP خەۋەر ئاگېنتلىقى «مۇقدىشودىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يارىلانغانلار تۈركىيەدە داۋالانماقتا»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشودا ئۆتكەن شەنبە كۈنى مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يارىلانغانلار تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىپ بالىنىستقا ئېلىندى،سومالىلىق 35 يارىدارنى تۈركىيەگە ئېلىپ كەلگەن تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلانى ئەنقەرەگە قوندى. تۈركىيە 300دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغانىدى.»

ئامېرىكىدىكى تۈركچە-ئىنگلىزچە تور بېتى «تۈركىيە ئىراق كۈرت <كورد> رايونلۇق ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «تۈركىيە ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتىنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا يانتاياق بولۇپ تېخىمۇ ئېغىر خاتالىقلارنى سادىر قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان  قىلىپ ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراق ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ھالدا بۇ يىل 25-سېنتەبىردە قانۇنسىز مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈشىدىن كېيىن ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقنىڭ ئىجتىمائىي پۈتۈنلۈكىنى تەشكىل قىلىدىغان ۋە تارىختىن بۇيان تۈركمەنلەرنىڭ يۇرتى بولۇپ كېلىۋاتقان كەركۈك شەھىرىدە ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى تىكلەش مەقستىدە يولغا قويغان سىياسەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى. باياناتتا مۇنۇ ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى: ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ كەركۈكتە پ ك ك تېررورچىلىرىغا يۇمشاق قوللۇق قىلىنمايدىغانلىقىنى، پ ك ك تېررورچىلىرى كەركۈككە كىرگەن تەقدىردە بۇنى ئۇرۇش ئېلان قىلىش ھېسابلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات بېرىشىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇق. ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتىنى خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىمىز.»

رۇسىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى  «تۈركىيە ئامېرىكىدىن ئوتتۇرا شەرق مەيدانىنىڭ روشەن بولۇشىنى كۈتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئامېرىكىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى چوماقچىلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەس. ئەنقەرە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د نىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى تۈركىيەنىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت دەپ قارايدۇ، پ ي د رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماقتا، تۈركىيە دائىرىلىرى تېررورلۇق كارىدورى بەرپا قىلىش خىيالىنى قىلىپ يۈرگەن پ ي د نى ئامېرىكا قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكىنى ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا يانتاياق بولۇشى دۇنيانىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئىشەنچىسىنى سۇسلاشتۇرماقتا. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان غەرب دۇنياسىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى توغرۇلۇق توختالغاندا: <يۈز-تۇرانە كۆرۈشكەن چېغىمىزغا ۋەدىلەرنى بېرىپ قىلمىغىنى قالمايدۇ، لېكىن ئايرىلغاندىن كېيىنلا كەينىمىزدىن تۈرلۈك تۇزاقلارنى قۇرۇپ ئويۇنلارنى ئوينىشىدۇ>دېيىش ئارقىلىق <ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر>نىڭ ئىككى يۈزلۈمچىلىك قىلمىشىنى يۈزلىرىگە سېلىپ كەلمەكتە. »

ئىران پارس خەۋەر ئاگېنتلىقى «ئىران بىلەن تۈركىيە تاموژنا ھەمكارلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «ئىراننىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىسى مۇھەممەد ئىبراھىم تاھەرىنئەنفەرد بىلەن تۈركىيە تاموژنا ۋە سودا ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى جەناپ ئاشچى  چېگرا ئېغىزلىرى ۋە تاموژنىلاردا ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسى بويىچە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى. مۇزاكىرىدە مۇئاۋىن مىنىستىر ئاشچى جۇھمۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چېگرا ئېغىزلىرىدىكى تاموژنىلاردا خىزمەت ۋاقتى ۋە سۈرئىتىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن يوليۇرۇق بەرگەنلىكىنى دېدى. ئاشچى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېڭى چېگرا ئېغىزلىرى ئېچىلىشىنىڭ سودىنىڭ روناق تېپىشىغا پايدىسى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. »

رۇسىيەدىكى SPUTNİK ئاگېنتلىقى «بودرۇمدا رۇسىيە مەدەنىيەت كۈنلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى؛ «مۇغلانىڭ بودرۇم ناھىيەسىدە 3-قېتىملىق رۇس مەدەنىيەت كۈنلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە رۇس ۋە تۈرك تائاملىرى تونۇشتۇرۇلدى، بودرۇمنى تونۇشتۇرۇش ۋەقپىسى بىلەن بودرۇم ناھىيەلىك ھۆكۈمىتى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن پائالىيەت دائىرىسىدە سەنئەتچىلەر قوللىرىغا تۈركىيە ۋە رۇسىيە بايراقلىرىنى ئېلىپ سەھنىگە چىقتى.»


خەتكۈچ: #AFP , #IRIB , #SPUTNİK

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر