چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 04.10.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

819884
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 04.10.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹ Ria Novosti› گېزىتى»، «ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىسىمۇ قىلچە زىيان تارتمايدىغانلىقىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەزالىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى ھەمدە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىسىمۇ قىلچە زىيان تارتمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەردوغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ 26 – قېتىملىق 3 – قانۇن چىقىرىش يىلى ئىش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ بىردىنبىر يولى تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقىدۇر. دەرۋەقە، تۈركىيە ياۋروپانىڭ قۇدرەت تېپىشىغا ھەسسە قوشۇشقا ۋە يېڭى پىلان لايىھەلىرىنى قوللاشقا تەيياردۇر. بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقى باشقا بىر يولنى تاللىسا، بۇ تۈركىيەگە نىسبەتەن ھېچقانچە مەسىلە ئەمەس. چۈنكى تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىسىمۇ قىلچە زىيان تارتمايدۇ، تەرەققىي مەنزىلگاھىغا يېتىش يولىدا داۋاملىق ئىلگىرىلەيدۇ.»

ئىراننىڭ «<ئىرنا> خەۋەر ئاگېنتلىقى»، «رۇھانى ئىران بىلەن تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىق مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى تۈركىيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى ھۇلۇسى ئاقارنى قوبۇل قىلغاندا، تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇستەھكەم بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقنىمۇ يەنىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتىمىز.»

تۈركىيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار مۇنداق دېدى: «ئىران بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئىككى مۇھىم كۈچ سۈپىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى ھەم ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رايوندا مۇقىملىق ھەم تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى مۇمكىن. بىز تېررورىزم ۋە مۇقىمسىزلىققا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە دوست ئەللەر بىلەن، بولۇپمۇ ئىران بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە تەييارمىز.»

ئامېرىكىنىڭ «‹ AP› ئاگېنتلىقى»، «تۈركىيە سومالىنىڭ پايتەختىدە ھەربىي تەلىم - تەربىيە بازىسى قۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

تۈركىيە سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشودا ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي تەلىم - تەربىيە بازىسىنى قۇردى. تۈركىيە ئارمىيەسىدىن 200 ئوفىتسېر ياتاق، مەشق ساھەلىرى ۋە تۈرمىلەرمۇ جايلاشقان بازىدا 20 مىڭ سومالى ئەسكىرىنى تەربىيەلەپ بېرىدۇ.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەششەباب ئىسيانچىلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان سومالى ئارمىيەسىنىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 22 مىڭ كىشدىن تەشكىل تاپقان تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملىرىنى كېلەر يىلى سومالىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى كونترول ئاستىغا ئېلىشى شەرت ئىكەن.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹ DİE WELT› گېزىتى»، «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆمەر چەلىك گېرمانىيە دېموكراتىيەسىنىڭ تۈركىيەگە قەرزدار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆمەر چەلىك مادرىد زىيارىتىدە تۈركىيەدە 3 مىليون كۆچمەننىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلاشمىغان بولساق، بۈگۈنكى كۈندە بۇ 3 مىليون كۆچمەن ياۋروپادا ياشاۋاتقان بولاتتى. شۇڭا گېرمانىيە دېموكراتىيەسى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش جەھەتتىن بىزگە قەرزدار. دەرۋەقە، ئەكسىچە بولغاندا ئاشقۇن ئوڭچىل ۋە سولچىل گۇرۇپپىلار سايلاملاردا تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا ئېرىشكەن بولاتتى.»

ئۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى 2016 – يىلنىڭ باشلىرىدا ئىمزالانغان كۆچمەنلەر كېلىشىمىگە رىئايە قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە بىلەن كۆچمەنلەر ئۈچۈن 3 مىليارد ياۋرو ئىئانە قىلىش توغرۇلۇق كېلىشىم تۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆچمەنلەر ئۈچۈن پەقەت 800 مىليون ياۋرونىلا بەرگەن. شۇ سەۋەبتىن، تەخمىنەن 500 مىڭ كۆچمەن بالا ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان.

ئۆزبېكىستاندا چىقىدىغان «‹جاھون› گېزىتى»، «ئۆزبېكىستان – تۈركىيە سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك مەبلەغ سېلىش كومىتېتى بىلەن ئىستانبۇل سودا ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن تاشكەنتتە «ئۆزبېكىستان – تۈركىيە سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنى چاقىرىلدى.

ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جەمشىد قوچقاروۋ رىياسەتچىلىكىدە باشلانغان يىغىندا، ئىستانبۇل سودا ئۇيۇشمىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم چاغلار بىلەن تۈركىيەنىڭ تاشكەنت باش ئەلچىسى ئەھمەد باشار شەن ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

تەرەپلەر يىغىندا، ئورتاق پىلان لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر