چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 17.05.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

733840
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 17.05.2017

ئامېرىدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى AP (Associated Press) «ترامپ: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسىنى كۈتۈۋېلىش شەرەپتۇر،دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ۋاشىنگىتوندا تۇنجى قېتىم يۈز-تۇرانە كۆرۈشتى. ترامپ ئەردوغاننى ئىشىك ئالدىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ترامپ ئەردوغاننى كۈتۈۋېلىشنىڭ شەرەپ ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى، ترامپ شۇنداقلا يېقىنقى يىللاردا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ نىشانى بولۇپ كېلىۋاتقان تۈرك خەلقىنى قوللايدىغانلىقلىرىنىمۇ بىلدۈردى. ئەردوغان بۇلتۇر پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قولغا كەلتۈرگەن دونالد ترامپنى بۇ مۇناسىۋەت ئالاھىدە تەبرىكلىگەندىن سىرت، ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو، تەرەققىي تاپقان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان گ-20دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلىرىدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنىمۇ ئەسكەرتتى.»

رۇسىيەدىكى رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى Ria Novosti «گېرمانىيەنىڭ تېررورزىم سىنىقى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى تەقدىم قىلدى: «باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم گېرمانىيەنىڭ ئەنقەرە بىلەن بۇلتۇر 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا قاتناشقان تېررورچىلاردىن بىرىسىنى تاللاش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، تۈركىيە-گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ 16-ئاپرېلدىكى رېفېراندۇمدىن ئىلگىرى گېرمانىيەنىڭ ناتسىست ۋە ئىرقچىلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشى تۈپەيلى يىرىكلىشىپ قالغانلىقىنى، لېكىن كېيىن ۋاقىتلاردا ئىجابىي سىگناللارنىڭ بېرىلىشكە باشلىغانلىقىنى، مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي گېرمانىيە مەسئۇللىرىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا چېتىشلىق تېررورچىلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى قارار قىلىشىنىڭ تۈركىيە-گېرمانىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قايتىدىن يىرىكلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېيتتى. يىلدىرىم يەنە: <گېرمانىيە پوزىتسىيەسىنى ۋە مەيدانىنى روشەن بىلدۈرۈشى لازىم، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى خالىسا ئۇنداقتا تېررورچىلار بىلەن ئەمەس تۈركىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى كېرەك>دېدى.»

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگىدىكى ئەل-ئەرەبىيە تېلۋىزىيە قانىلى «پ ك ك نىڭ سىنجاردا بولۇشى خەتەرلىكتۇر»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى نەقىل قىلدى: «ئىراق كۈرت (كورد)رايونلۇق ھاكمىيەت باشلىقى نەچىرۋان بارزانى ئەل-ئەرەبىيە تېلۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سىنجاردا بولۇشىنىڭ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بارزانى باغدادتا پ ك ك نى قوللايدىغان كۈچلەرنىڭ بارلىقىنى، بۇ كۈچلەرنىڭ تېررورچىلارنى ماددىي ۋە ئارقا سەپ خىزمەتلىرى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنۇلارنى دېدى: <ئىراقلىق مەسئۇللارنىڭ تېررورچىلارنى قوللايدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشىنى قەتئىي خاتا، دەپ قارايمەن. بۇ سىياسەتلەر باغداد ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىگە سىغمايدۇ ۋە ئىراقنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ پايدىلىق ئەمەس. پ ك ك نىڭ سىنجاردا بولۇشىنىڭ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىش تەس ئەمەس، شۇڭا بۇ مەسىلىدە ھەم پىكىر بولۇشنىڭ ھېچقانداق خاتا تەرىپى  يوق>.  بارازنى باغداد ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراق رايونلۇق ھاكىمىيىتى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە تۇرۇشى لازىملىقىنى ۋە بۇ رايونلاردا پ ك ك نىڭ مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلغان كۈچكە ئايلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.»

گېرمانىيەدىكى مېدىيا ئورگىنى Deutsche Welle (DW) « ياۋروپانىڭ بۈگۈنكى زامان يىپەك يولى لايىھەسىگە نەزىرى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىر بەلباغ ۋە بىر يول لايىھەسى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭدا چاقىرغان يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى، مىلياردلارچە دوللارلىق مەبلەغ نىشانلىرى ۋە لايىھەلىرىدىن تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ كۈتىدىغىنى تولىمۇ چوڭ. ياۋروپا دۆلەتلىرى بىر بەلباغ ۋە بىر يول لايىھەسىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ سودا پائالىيەتلىرىنىڭ ئاسىياغا ئېغىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. بېيجىڭدا چاقىرىلغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا تۈركىيە، رۇسىيە ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يېقىنلىشىشىمۇ ياۋروپانىڭ دىققەت نەزىرىدىن قاچمايدۇ، ئەلۋەتتە. دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي ئەڭ كۈچلۈك بولغان دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان گ-7 دۆلەت گۇرۇھىدىن پەقەت ئىتالىيەلا بۇ قېتىمقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى. ياۋروپا تاراتقۇلىرىدا بىر بەلباغ ۋە بىر يول لايىھەسى ئارقىلىق سودا يۆنىلىشى ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ بەكرەك ئاسىياغا مەركەزلىشىدىغانلىقى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.»

ئامېرىكا ئاۋازى «ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نى قوللاشتا چىڭ تۇرماقتا»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەگۇماشتىسى بولغان ي پ گ  كۈچلىرىنى قوراللاندۇرۇشنى قارار قىلىشى تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىشىگە سەۋەب بولدى. ئامېرىكا ي پ گ نى رەققەنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن رايوندىن چېكىنىپ  چىقىپ رەققەنى ھەققىي ئىگىلىرى  بولغان ئەرەبلەرگە قايتۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا بۇنداق بولۇپ باقمىدى. مەسىلەن، ئامېرىكا بىلەن ي پ گ مۇنبىچنى قولغا كىرگۈزگەندە دەسلەپ بۇ رايوننى ھەققىي ئىگىلىرى بولغان ئەرەبلەرگە قايتۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر ئىككىلى تەرەپ ۋەدىسىدە تۇرمىدى. نۆۋەتتە تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنىڭ قانداق بولۇش مەسىلىسى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئايدىڭلىشىدۇ. تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە باش قاتتۇرۇپ كېلىۋاتقانلارنىڭ پۈتۈن دىققەت-نەزىرى ترامپ بىلەن ئەردوغان كۆرۈشۈشىدىن چىقىدىغان قارارلارغا بۇرالدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر