چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 29.03.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

701475
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 29.03.2017

ئەزەربەيجان خەۋەر ئاگېنتلىقى «باكۈ-تىفلىس-كارس تۆمۈريولى بۇ يىل ئىيۇننىڭ ئاخىرىدا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدۇ»سەرلەۋھلىك خەۋىرىدە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە مۇنۇلارنى سۇندى: «قاتناش دېڭىزچىلىق ۋە خەۋەرلىشىش مىنىستىرى ئەھمەت ئارسلان مەلۇم بىر خۇسۇسىي تېلۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، باكۈ-تىفلىس-كارس تۆمۈريولى لايىھەسىنىڭ بۇ يىل ئىيۇننىڭ ئاخىرىدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى، لايىھەنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭمۇ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مىنىستىر ئارسلان باكۈ-تىفلىس-كارس تۆمۈر يولى لىنىيەسى ئارقىلىق ئەنگلىيەنىڭ پايتەخت لوندوندىن قوزغىلىدىغان پويىز ئىستانبۇلدىكى مارماراي لىنىيەسىدىن ئۆتۈپ بېيجىڭغىچە بارىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. بۇ ئەھۋالنى قاتناش ساھەسىدە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، دەپ تەرىپلىگەن مىنىستىر ئارسلان باكۈ-تىفلىس-كارس تۆمۈر يول لىنىيەسى ئارقىلىق ساياھەت مۇساپىسىنىڭ ئۈچتە بىر قىسقىرايدىغانلىقىنى ئېيتتى.»

رۇسىيەدىكى Ria Novosti گېزىتى «تۈركىيە باش مىنىستىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم 16-ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان رېفېراندۇمدىن ئىلگىرى كاراماندىكى يىغىلىشتا سۆز قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۈركىيەنىڭ ھېچكىم بىلەن مەسىلىسى يوق، بىراق كىرىزىس كەلتۈرۈپ چىقارماقچى بولغانلارغا قەتئىي يول قويمايمىز، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ ئەزالىقىنى 54 يىلدىن بۇيان مۇزاكىرە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئاگاھلاندۇرىمەن، بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىزغا ئارىلاشماڭلار.»

فىرانسىيەدىكى Le Figaro كۈندىلىك گېزىتى «تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئەنقەرە ياۋروپادا يېقىنقى مەزگىللەردە كۈچىيىۋاتقان ئىرقچىلىق ئېقىملىرىنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزەتمەكتە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تارىختىن مىساللارنى كۆرسىتىپ گېرمانىيە بىلەن گوللاندىيەنىڭ ناتسىسلارچە سىياسەت يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سۈركىلىشلەر تۈركىيەدە 16-ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان رېفېراندۇمدىن كېيىن بېسىقىپ بېسىقمايدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم، بىراق ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىنى رېفېراندۇم ئارقىلىق بەلگىلەشنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ، مۇساپىرلار ئەھدىنامىسى قاتارلىق تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر بارلىق مەسىلىلەرنىڭ قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ياۋروپالىقلار ئۇزۇندىن بۇيان تۈركىيەنى كولدۇرلىتىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئۈمىدسىزلىككە دۇچار قىلدى.  شۇڭا تۈركىيە بۇ مەسىلىنى  يىلتىزدىن ھەل قىلىشقا بەل باغلاۋاتىدۇ، ئاجىزلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئەسلىگە كېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىم. تۈركىيە ھەم تارىخىي ھەمدە جۇغراپىيەسى جەھەتتىن قۇدرەتلىك دۆلەت ھېسابلىنىدۇ، ياۋروپانىڭ  چوڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئىتتىپاقدېشى بولۇشى لازىم.»

رۇسىيەدىكى  رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى Ria Novosti «تۈركىيە  رۇسلارغا كىملىكى بىلەن تاموژنىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىشقا تەييارلانماقتا»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئورۇن ئاجراتتى: «ئانتاليادا ياشاۋاتقان رۇس جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەنقەرەنىڭ موسكۋا بىلەن بىرلىكتە رۇسلارنىڭ تاموژدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ پاسىپورتسىز ئۆتۈشىگە رۇخسەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تولۇق ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، ئايرودۇرۇملاردا كىملىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئورنىتىلىشقا باشلىغانلىقىنى قەيت قىلدى. تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن چاۋۇشئوغلۇ مۇنۇلارنى دېدى: ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش قاتارلىق رايونلۇق مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. تۈركىيە بىلەن رۇسىيە سۈرىيەگە ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ باش قاتتۇرماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر