چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 08.03.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

687113
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 08.03.2017

ئاۋسترىيەدىكى Wiener Zeitung كۈندىلىك گېزىتى «گېرمانىيە چەكلىمىلەرنى ئالدىراپ قويماسلىقى كېرەك»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈرك سىياسەتچىلىرىنىڭ رېفېراندۇم نۇتۇقىنى چەكلىگەن گېرمانىيەنىڭ ناتسىستلارنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەنقەرەنىڭ 16-ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق ھۆكۈمەت سىستېمىسىنى مەزمۇن قىلغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمىنى گېرمانىيەدىكى تۈركلەرگە چۈشەندۈرۈش پىلانى بار ئىدى، لېكىن گېرمانىيە ھەر خىل باھانىلەرنى قىلىپ بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمايۋاتىدۇ، مۇتەخەسىسلەر گېرمانىيەنىڭ بۇ چەكلىمە ۋە سىياسەتلىرىنىڭ ياۋروپاغا زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە، دەرۋەقە تۈركىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىيالوگ، مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمىگە زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بولغۇسى مۇساپىرلار كىرىزىسىگە توسالغۇ بولۇش گېرمانىيەگىلا مۇھىم بولۇپ قالماستىن باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە نىسبەتەنمۇ مۇھىمدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرك سىياسەتچىلىرىنىڭ نۇتۇقلىرىنى چەكلەشنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە تاشلاپ قويۇش، ئەمەلىيەتتە مەسىلىنى باشقىلارغا ئارتۇپ قويۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇ توخۇ يۈرەكلىك بىلەن قىلىنغان ئىشتۇر.»

رۇسىيەدىكى رادىيو ۋە خەۋەر ئاگېنتلىقى Sputnik «ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د نى قوللاشنى توختىتىش كېرەك» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال ھۇلۇسى ئاكارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئامېرىكا ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال جوسېف دۇنفورد بىلەن رۇسىيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال ۋالېرىي گېراسىموۋ قاتارلىق شەخسلەر ئانتاليادا چاقىرىلغان يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى، يىغىندا تۈرك ھەيئەتلىرى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ھەيئەتلىرىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى بولغان پ ي  د نىڭ چوڭ كۈچلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ بىئارام بولىۋاتقانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىشتى، يىغىندا گېنېرال ئاكار سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش لازىملىقىنى تەكىتلەپ <سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى نەزەرگە ئېلىنغان ئاساستا مەنبىچ ئۆز ئىگىلىرىگە قالدۇرۇلۇشى كېرەك»دېدى. ئاكار مەنبىچتە ھەممە ئادەمنىڭ بايراق لەپىلدىتىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.»

ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىرنا «تۈركىيە بىلەن رۇسىيە S-400  تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 10-مارتتىكى رۇسىيە زىيارىتىدە كېڭەش قىلىنىدىغان مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرسىنى S-400  تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ ئەنقەرەگە سېتىلىش مەسىلىسى تەشكىل قىلىدۇ. ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىلىرىدىن ئىلنۇر چەۋىك  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ موسكۋا زىيارىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، سودا،ساياھەت ۋە يادرو ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ساھەلەردە كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.»

ئامېرىكا ئاۋازى «ئامېرىكىدا 40 ياشتىن تۆۋەن ئەڭ ئۇتۇقلۇق تۈركلەر تاللاپ چىقىلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى نەقىل قىلدى: «ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان 40 ياشتىن تۆۋەن ئەڭ ئۇتۇقلۇق ۋە ئەڭ نوپۇزلۇق 40 تۈرك تاللاپ چىقىلدى. ئامېرىكىدا سودا ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىنگلىزچە چىقىدىغان تۈرك ژۇرنىلى <ئامېرىكىدىكى تۈركلەر>ئىچىدە تاللانغان ياش تۈركلەر، 17-مارتتا نىيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمىدا مۇكاپاتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. <ئامېرىكىدىكى 40 ياشتىن تۆۋەن تۈركلەر>تىزىملىكىنىڭ بىرىنچى رېتىدە ئۇتۇقلۇق بانكىچى ھافىزە گايە ئەركان ئورۇن ئالدى. ئەركان ئومۇمىي ئاكتىپ سېلىنمىسى 60 مىليارد دوللار بولغان First Republic بانكىسىنىڭ ئۇزۇن خىزمەت تارىخىغا ئىگە ئالىي دەرىجىلىك مەسئۇلدۇر. تىزىملىكنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى رېتىدە ئامېرىكا دۆلەت ۋاسكىتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى NBA دا ئويناۋاتقان ئىككى تۈرك ۋاسكىتبولچى ئورۇن ئالدى. ئاتلانتا ھاۋكىس (Atlanta Hawks) كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى بولغان ئەرسان ئىلياسوۋا تىزىملىكنىڭ ئىكىنچى رېتىدە ئورۇن ئالغان بولسا، نىىيۇ ئورلېنس پەلىسانىس (New Orleans Pelicans) كۇلۇبىدا توپ ئوينايدىغان ئۆمەر ئاشىق ئۈچىنچى رەتتە ئورۇن ئالدى.

رۇسىيەدىكى RİA NOVOSTİ گېزىتى «پۇتىن-ئەردوغان سۆھبىتىدە سۈرىيە مەسىلىسى كېڭەش قىلىنىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ دۈشبەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن بۇ ھەپتنىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتتە،  سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ كېڭەش قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:<رۇسىيە ۋە تۈرك لىدېرلىرى پات يېقىندا كۆرۈشىدۇ، ھەمكارلىقىمىزغا ئالاقىدار پۈتكۈل مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەش قىلىمىز، سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ قاتناشقان ئاستانا مۇنبىرىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ۋە سىياسىي دىئالوگنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقىمىز تۈرتكىسىدە سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بولۇپ تاشقى سىياسەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىق، سودا، ئىقتىساد، سېلىنمىلار ۋە ئورتاق ئاساسىي قۇرۇلۇش لايىھەلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.> كىرىمېل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۇتىن بىلەن ئەردوغان 10-مارتتا موسكۋادا كۆرۈشىدىكەن.»

ئەنگلىيەدىكى رويتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقى «گېرمانىيە تېررورچىلارنىڭ پاناھگاھى بولدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «تۈركىيە دائىرىلىرى گېرمانىيەنىڭ سۆز ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇپ بۇرۇنقى فاشىزىم دەۋرىگە قايتىشقا باشلىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ تېررورچىلارغا قۇچاق ئېچىپ ئۇلانىڭ پاناھگاھىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ، گېرمانىيەنىڭ تۈركىيەگە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان، پ ك ك، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، د ھ ك پ –ج لىق تېررورچىلارنىڭ پاناگاھىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى،15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئىسيانغا ئۇرۇنغۇچىلار بىلەن تۈركىيەگە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان بارلىق گۇماندارلارنىڭ گېرمانىيەگە قاچقانلىقىنى ئېيتتى.بۇلارنىڭ ئەكسىچە، تۈركىيە بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنداپ ياۋروپاغا تەھدىت سېلىۋاتقان مۇساپىرلار دولقۇنىنى چەكلەيدىغان بەلگىلىمەلەرنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر