چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 22.02.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

677582
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 22.02.2017

ئىراندىكى ئىرنا ئاگېنتلىقى «ئالىي پالاتا ئەزاسى ماككايىن دائېشقا قارشى كۈرەشتە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تەلەپ قىلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئالىي پالاتا ئەزاسى ماككايىن شىمالىي ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى تەلەپ قىلدى. ئالىي پالاتا ئەزاسى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ مۇنۇلارنى دېدى: كۆرۈشۈشتە سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تەپسىلىي كېڭەش قىلدۇق. ئامېرىكىدا ھاكىمىيەتنىڭ ئالمىشىشى ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە سىياسەتلىرىنى قايتىدىن  كۆزدىن كەچۈرۈشكە مۇۋاپىق پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ئامېرىكا دائېشنى يوق قىلىش، باشقا تېررورلۇق گۇرۇھلارنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە يوق قويماسلىق ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا مۇقىملىق ۋە مۇۋازىنەت بەرپا قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش كېرەك. بىز تۈركىيە بىلەن بۇرۇنراق ھەمكارلىق ئورنىتىلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشتا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئەنگلىيەدىكى رويتېرىس گېزىتى «تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھاكىمىيىتىنىڭ گۈلەن مەسىلىسىگە توغرا مۇئامىلە قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھاكىمىيىتىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورولۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىش مەسىلىسىگە توغرا، ئەستايىدىل ۋە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. بىنالى يىلدىرىم بۇ ھەپتە سەيشەنبە كۈنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى پارتىيە گۇرۇپپا يىغىنىدا پارلامېنت ئەزالىرىغا قىلغان سۆزىدە، ئەنقەرە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلتۇر ئىيۇلدا تۈركىيەدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنى پىلانلاش ۋە تەرتىپلەش بىلەن ئەيىبلەنگەن فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىش مەسىلىسى توغرۇلۇق ئامېرىكىلىق مەسئۇللار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.»

مەركىزى قاتاردا بولغان ئەلجەزىرەگە تەۋە بولغان تۈركچە تور بېكىتى «تۈركلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى قوبۇل قىلالمايۋاتىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاكىنجى بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، لەفكوشادا كۆرۈشكەندە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈدى. ئاكىنجى قىبرىستا مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئىجابىي قەدەملەرنى تاشلاش قاتارلىق مەسىلىلەردە كونكرېت قەدەملەرنىڭ تاشلانماسلىقىغا رىم دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئىشقا تۇتقان پوزىتسىيەسى سەۋەب بولغانلىقىنى، بۇنداق بولۇشىغا يەنە كەلگۈسىدە قىبرىس مەسىلىسى ھەل بولۇپ قالسا تۈرك دۆلىتىنىڭ جەنۇبتىكى قىبرىس رىم ھاكىمىيىتى بىلەن سىياسىي  جەھەتتىن تەڭ دەرىجىدە بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ سىياسىي باراۋەرلىكنىڭ بىر قاتار ئىجابىي ئىپادىلىرىنىڭمۇ بار بولىدىغانلىقىنى قىبرىس رىم دائىرىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىپ بولالمايۋاتقانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىسىرى چاۋۇشئوغلۇ: <مۇزاكىرىلەر ئاخىرقى پۇرسەتتۇر>دېدى.»

رۇسىيەدىكى تاس ئاگېنتلىقى «تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركەتلەردىن ئونۇر ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، بۇ يىل مايدا ئىستانبۇل-جۇكوۋسكىي سەپەرلىرىنى باشلايدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە ئوقۇرمەنلىرى بىلەن مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى: «رامپورت ئارو شىركىتى بىرىنچى قول مۇئاۋىنى يېۋگېنىي سولودىلىن، ئونۇر ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئىستانبۇل-جۇكوۋسكىي سەپەرلىرىنى بۇ يىل 2-مايدا باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بىلەت سېتىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتقان سولودىلىن:ھازىرچە ئىستانبۇل-جوكۇۋسكىي-ئىستانبۇل سەپەرلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ، دېدى.»

گېرمانىيەدىكى DPA ئاگېنتلىقى «تۈركىيە دائېشقا قارشى كۈرەشتە نېمىسلاردىن تېخىمۇ كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلماقتا»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «تۈركىيە سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشلەردە گېرمانىيەدىن تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر چىقىرىشنى تەلەپ قىلماقتا. باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم يەكشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە، مىىيۇنخېن خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەسناسىدا ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشكەندە مېركېلغا  دائېشقا قارشى كۈرەشلەردە تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشنى دېگەنلىكىنى ئېيتتى. يىلدىرىم ئىران، رۇسىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى نوپۇزى توغرۇلۇق توختىلىپ، بۇ ئەھۋالغا قارىتا گېرمانىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.»

ئەنگلىيەدىكى رويتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقى «تۈركىيە راققا ھەربىي ھەرىكەت پىلانىنى ئامېرىكىغا يەتكۈزدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «تۈركىيە دائېشنى راققادىكى قەلئەسىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا پىلان ئەۋەتتى. تۈركىيەنىڭ پىلانىغا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى بولغان پ ي د كىرگۈزۈلمىدى. پىلانغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە  پىلانلانغان ھەربىي ھەرىكەتلەر پ ي د بىلەن ئەمەس، تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن يەرلىك ئەرەبلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د نى قوللىشى ناتو ئىتتىپاقدېشى تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولماقتا.  گېرمانىيە تاللىغان بىرىنچى ھەرىكەت پىلانىدا تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى بىلەن تۈركىيە قوللاپ كېلىۋاتقان سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ تېل ئابيادتىن سۈرىيەگە كىرىشى مەزمۇن قىلىنىدۇ. ئىككىنچى پىلاندا بولسا راققاغا سۈرىيەنىڭ ئەل باب ناھىيەسى ئارقىلىق كىرىش مەزمۇن قىلىنىدۇ. باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنىڭ پ ي د غا تايانغان ئەھۋالدا، بۇ ئەھۋالنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر