چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

668042
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى  Ria Novosti «تۈركىيە بىلەن رۇسىيە فېۋرال ئېيىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەۋىيەسىدە كېڭەش يىغىنى چاقىرىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن رىياسەتچىلىك قىلىدىغان «تۈركىيە – رۇسىيە ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى دائىرىسىدە ئالدىمىزدىكى ھەپتە موسكۋادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەۋىيەسىدە كەڭ دائىرىلىك كېڭەش يىغىنى چاقىرىلىدۇ.

تۈركىيەگە ۋەكالىتەن تۈركىيەنىڭ موسكۋا باش ئەلچىسى ئۈمىت ياردىم، رۇسىيەگە ۋەكالىتەن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلاكسېي مېشكوۋ قاتنىشىدىغان ۋە  ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەت باسقۇچى ھېسابلىنىدىغان يىغىندا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئەنگلىيەنىڭ رېيتېر ئاگېنتلىقى، «مۇھىم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى لايىھەلىرىنى مال – مۈلۈك فوندى ئۆز ئۈستىگە ئالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

تۈركىيە ھۆكۈمەتنىڭ تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، چوڭ بانكىلار ۋە تۈرك تېلېكوم شىركىتىدىكى مىلياردچە دوللارلىق ھەسسىلىرىنى بۇلتۇر چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى لايىھەلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشى ئۈچۈن قۇرۇلغان مىللىي مال - مۈلۈك فوندىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇرەتتىن جانىقلى تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىيەسى ۋە ھاۋا قاتنىشى سانائىتىدىكى سېلىنمىلىرى، دۆلەتلىك تاش يوللار ۋە دوختۇرخانىلارغا ئوخشىغان چوڭ – چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى لايىھەلىرىنىڭ مال - مۈلۈك فوندىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

جانىقلى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى twitter  سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بۇ لايىھەلەر ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىلدە ئىقتىسادىي مەنبە شەكەللەندۈرىدىغان ۋە تەرەققىيات جەھەتتىن مۇھىم رول ئوينايدىغان لايىھەلەردۇر» دېدى.

گېرمانىيەنىڭ Deutsche Welle   (DW) ئاخبارات ۋاسىتىسى، «ياۋروپا چوڭقۇر زىددىيەت ئىچىدە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تېررورىستلارنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان سۈركىلىش ئەنقەرە سىياسىتىنىڭمۇ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسىغا ئايلاندى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى تاھا ئۆزھان DW نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ چوڭقۇر زىددىيەت ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا دۆلەتلىرى قان تۆككەن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ساھىب چىقىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى نە دېموكراتىيەگە، نە ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن ئەمەس» دېدى.

بۇ ھەقتە ئەنقەرە زىيارىتى جەريانىدا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلگىمۇ چۈشەنچە بەرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن ئۆزھان، تېررورىستلارنى قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىدە جىددىي پوزىتسىيە تۇتمىسا، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىگە نىسبەتەن مۇرەككەپ ۋە مۈشكۈل بىر باسقۇچنىڭ باشلىنىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىككى تەرەپلىك ئەھدىنامىلەرگە ماس ھالدا ھەرىكەت قىلىشى لازىملىقىنى قەيت قىلدى.

ياپونىيەدە چىقىدىغان «‹نىھون كېيزاي شىمبۇن› گېزىتى»، «تارىخىي كاپالىچارشى (ئۈستى يېپىق بازار) ئىستانبۇلدىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك يەرلەردىن بىرى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ئىستانبۇلدىكى تارىخىي يېرىم ئارالنىڭ ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان كاپالىچارشى ئالتۇن كۈمۈش ۋە قىممەت باھالىق تاشلاردىن ياسالغان زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى، تېرە مەھسۇلاتلىرى ۋە سوغاتلىق نەرسىلەر سېتىلىدىغان دۇكانلاردىن تەشكىل تاپقان تەخمىنەن 3600 دۇكان جايلاشقان مىسلىسىز ۋە ناھايتى چوڭ بىر بازار.

تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغانلارنىڭ تۇنجى كىرگەن دەرۋازىنى تاپالىشى ئاسان ئەمەس. زامانىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە بازار ئىستانبۇلنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ دائىمىي جەزبىدارلىق ماكانى. بۇ بازار يەنە توي قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان قىز – يىگىتلەرمۇ زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋالىدىغان مۇھىم بىر جاي.

بۇ تارىخىي سودا – سېتىق مەركىزى شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن رايوننى پايتەخت قىلىپ بېكىتكەن ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ پادىشاھى 2 ماھمۇت تەرىپىدىن قۇرۇلغان.

شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ھازىرغىچە داۋاملىق تەرەققىي قىلغان تارىخىي بازار قىش مەۋسۇمى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان شۇ كۈنلەردە يېڭى ساياھەت مەۋسۇمىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلانماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر