ەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 04.01.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

644140
ەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 04.01.2017

رۇسىيە ئاۋازى رادىيوسى«تۈركىيە-ئىراق ئوتتۇرىسىدا يېڭى دەۋىر باشلىنىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن تۈركىيە، ئىراق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلاشقا تەييارلانماقتا. باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم 5-6 يانۋاردا ئىراقنى زىيارەت قىلىدۇ. يىلدىرىم باغدادتا ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئەل ئىبادى بىلەن،  ئەربىلدە ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتى باشلىقى مەسۇت بارازى بىلەن كۆرۈشىدۇ. مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان كۇرتۇلمۇش بۇ ھەقتە توختىلىپ <تۈركىيە ئەتراپىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ> دېدى. يىلدىرىمنىڭ ئىراق زىيارىتىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەر، يېڭىچە دىئالوگ  يوللىرى، بولۇپمۇ ئىراقتا تېررورىزىمغا قارشى ئورتاق كۈرەش، بۇ كۈرەش دائىرىسىدە ئىراقنىڭ كېلەچىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولۇشى كېرەكلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر كېڭەش قىلىنىدۇ.»

ئەنگلىيەدىكى رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى «تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاشتىن ۋاز كېچىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېڭى ھاكىمىيىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى بولغان پ ي د نى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشنى ئۈمىد  قىلىدىغانلىقىنى ۋە باراك ئوباما ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ ئىشنىڭ جاۋابكارى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى <ئامېرىكا تۈركىيە بىلەن بولغان ئىستىراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىقىنى بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تېگىشۋەتكمەسلىكى كېرەك>. ئەنقەرە ۋاشىنگىتوننىڭ سۈرىيەدىكى پ ي د تېررورچىلىرىنى قوللىشىدىن بىئارام بولۇپ كەلمەكتە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا  زەربە بېرىش ئۈچۈن باشقا بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللاشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى داۋاملىق تەكىتلەپ كەلمەكتە، ئامېرىكا بولسا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د نى سۈرىيەدىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم ئىتتىپاقدېشى سۈپىتىدە كۆرۈپ كەلمەكتە »

گېرمانىيەدىكى DPA گېزىتى « تۈركىيە سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قاراتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «ئىستانبۇلدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇب تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، تۈركىيە سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قاراتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى. دۆلەتكە قاراشلىق ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ھەربىي دائىرىلەرنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن دۈشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا دائېشنىڭ قورال-ياراغ ئىسكىلاتى  بىلەن يوشۇرۇنۇش بازىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. شۇنداقلا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ توپچى قىسىملىرىنىڭمۇ ھەربىي ھەرىكەت قاتناشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەربىي ھەرىكەتلەردە 24 سائەت ئىچىدە 22 تېررورچى ئۆلتۈرۈلدى.»

ئامېرىدىكى ۋاقىت گېزىتى «تۈركىيەنى ھەر جەھەتتىن قوللاش كېرەك»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «مۇتەخەسىسلەر غەرب ئەللىرىنىڭ تۈركىيەنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىدە قوللاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بولۇپمۇ  فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئىسيان چىقىرىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا سۈكۈت قىلغان غەرب ئەللىرىنى تۈركىيەنىڭ ئەيىبلىشى تولىمۇ نورمالدۇر، ناتومۇ تەنقىدلەندى. يەنە كېلىپ غەرب دۇنياسى تۈركىيەنى رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىزمەتلەردىمۇ قوللىمىدى. غەربنىڭ خاتا تۈركىيە سىياسەتلىرى نەتىجىسىدە ناتونىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىتتىپاقدېشى بولغان تۈركىيە، موسكۋاغا يېقىنلاشماقتا. غەرب ناھايىتى مۇھىم بولغان ئىتتىپاقدېشى تۈركىيەنى تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە سەممىي ھالدا قوللىشى لازىم.»

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىدىن BBC « رېينا ھۇجۇمىغا ئەڭ ياخشى جاۋاب تۈركىيەدە ساياھەت قىلىشتۇر»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «ئەنگلىيەدە چىقىدىغان Independent گېزىتىدە سىمان كالدېر بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، 39 كىشىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان رېينا تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن تۈركىيەگە بېرىپ ساياھەت قىلىش ئارقىلىق ھەمكارلىق روھىنى نامايەن قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. سىمان كالدېرنىڭ<تۈركىيەدە ساياھەت قىلىش ئارقىلىق تېررورچىلارغا قارشى چىقايلى>ناملىق ماقالىسىدە مۇنۇ جۈملىلەرگە ئورۇن ئاجراتتى: بۇ ھۇجۇملارغا ئەڭ ياخشى جاۋاب كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنى ھېچ ئىش بولمىغاندەك داۋاملاشتۇرۇشتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر