چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 14.12.2016

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

630477
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 14.12.2016

گېرمانىيەدىكى DPA ئاگېنتلىقى «ياۋروپا ئىتتىپاقى-تۈركىيە بىلەن بولغان دىئالوگنى ئوچۇق تۇتىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ15-ئىيۇلدا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۈركىيە توغرۇلۇق كونكرېت ۋە ئەمەلىي  قەدەم تاشلىدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن سۆھبەت ۋە مۇزاكىرىلەر نەتىجىسىدە ئاۋسترىيە ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنى توختىتىش قويۇش قارارىغا ئاۋاز قوشمىدى ۋە  بىريۇسسېلدىكى مىنىستىرلار يىغىنىدا تۈركىيەگە ئىشىكىنى ئېتىۋالماي دىئالوگنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.»

ھىندىستاندا چىقىدىغان كۈندىلىك گېزىت Jansatta «پ ك ك غەربتىن ئالغان قورال-ياراغلارنى دائېشقا ئەمەس، تۈركىيەگە قارشى ئىشلىتىۋاتىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «غەرب دۆلەتلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك-پ ي د غا يەنە بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بولغان دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قورال-ياراغ بېرىپ كەلمەكتە. بىراق پ ك ك بۇ قوراللارنى غەرب قورقۇپ كېلىۋاتقان دائېشقا ئەمەس تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ. تەشكلات  تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى تۈركىيەدىلا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، پ ك ك تېررورچىلىرىغا دائېش بىلەن ئۇرۇش قىلىش جاسارىتىنى بەرگەن غەرب كۈچلىرى، باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىمۇ قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە. بۇ غەربنىڭ ئىككى يۈزلىمىلىك سىياسىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەسىلىدە كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان مەسىلە مۇنداق: داۋاملىق تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگۈچىلەرنىڭ گۇمانلىق ھەرىكەتلىرىدۇر. بىر تەرەپتىن تېررورچىلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىقڭلارنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتاسىلەر، يەنە بىر تەرەپتىن تېررورچىلارنى ئىقتىساد،  قورال-ياراغلار تەمىنلەيسىلەر. دۇنيا مىقياسىدا تېررورىزىمنىڭ تۈگىمەسلىكىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىككى يۈزلىمىلىك سىياسەتلىرىدۇر. »

فىرانسىيەدىكى كۈندىلىك گېزىت Liberation «دونالد ترامپنىڭ تۈركىيەگە قىزىقىشى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ  كېلەر يىلى يانۋاردا پىرېزىدېتنلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان دونالد ترامپنىڭ مۇسۇلمانلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى باشقىچە بولسىمۇ، بىراق تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك سودا ۋە ئىستىراتېگىيەلىك شىرىكى بولىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئامېرىكىدىكى Breibart News تور بېتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دونالد ترامپ، ئىستانبۇلنىڭ گۈزەللىكى ۋە جەزبىدارلىقىنى تەكىتلەپ بۇ جەلىپكار شەھەردە ئۆي-مۈلكى بارلىقىنى ئېيتتى. ئىستانبۇلنىڭ ياۋروپا تەرىپىدىكى بىرى 37 قەۋەت، يەنە بىرى 39 قەۋەتلىك تىرامپ تاۋېرلار 2012-يىلى شىشىلى رايونىدا بىنا قىلىندى. ترامپ بىر سودىگەر بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۆزىگە كۆپ نەپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى يوشۇرۇپ قالمىدى. ئىستانبۇل ۋە ئىزمىردا سېلىنمىلىرى بار، 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىنمۇ ترامپ تۈركىيەنى قوللاپ بايانات بەردى. ئەردوغان ترامپنىڭ پىرېزىدېتنلىققا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.»

ئامېرىكا ئاۋازى «ماككېنزىي ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلار ئەندىشە ئىچىدە تۇرماقتا، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «چۈشەنچە ئورگانلىرىدىن بىروكىڭىس < Brookings > ئىنىستېتۇتىدا ئامېرىكىنىڭ ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسىس روبېرت ماككېنزىينىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلار ئامېرىكا پىرېزىدېتنلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپ يولغا قويىدىغان سىياسەتلەردىن ئەندىشە قىلىدىكەن. ترامپنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا باشقىچە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ھېچقانداق مەسىلىدە كونكرېت سىياسەت بېكىتىپ چىقمىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ماككېنزىي، ترامپنىڭ ھەممىگە مەلۇملۇق  كۆز-قاراشلىرىنىڭ پەقەت سايلام سەپەۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىرى بىلەنلا چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. سايلام سەپەرۋەلىك پائالىيىتى جەريانىدا ترامپ ۋە ئەتىراپىدىكىلەر ئسىلامىيەت، مۇسۇلمانلار، ئىسلام ئەندىشىسى توغرۇلۇق ئىشلەتكەن تىل ئۇسلۇبىنىڭ ھاكىمىيەتنى رەسمىي ھالدا ئۆتكۈزۈۋالغاندا قانداقراق سىياسەت يولغا قويۇش مەسىلىسىدە قىزىقىش پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتقان ماككېنزىي، ئامېرىكا مىقىياسىدا نەپرەت جىنايىتىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.»

ئامېرىكىدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى Associated Press « غەرب دۇنياسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى قوللاشنى توختاتسۇن»سەلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «ئىچكى ئىشلار مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا سادىر قىلىنغان بومبىلىق ھۇجۇم سەۋەبلىك پ ك ك نى ۋە غەربتىكى چوماقچىلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. سۇلايمان سويلۇ خائىن ھۇجۇمنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى  پ ك ك غا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: <سىلەر بەزى زۇلمەتلىك غەربلىك شىرىكىڭلارنىڭ چاكىرى، پىشكىسى ۋە قاتىلى بولۇشتىن باشقا بىرەر ئىش ۋۇجۇدقا چىقىرىپ باقتىڭىزمۇ؟>دەپ سورىدى. تۈرك مەسئۇللىرى غەربنى بىۋاستە ياكى ۋاستلىك ھالدا پ ك ك نى قوللىماسلىق ۋە ئەنقەرەنىڭ تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلىرىگە ئارىلاشماسلىق بىلەن ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر