چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 07.12.2016

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

625608
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 07.12.2016

گېرمانىيەدىكى DPA مېدىياسى« رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك ھەمكارلىق» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «تۈركىيە  بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئىقتىسادىي ساھەدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارقىلىق كۈچەيتىشنى نىشان قىلماقتا. باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدا رۇسىيەنىڭ ياردىمى بىلەن بەرپا قىلىنىدىغان ئاككۇيۇ يادرو ئىستانىسىسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنىڭ 2023-يىلىدا تاماملىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. پۇتىنمۇ بىنالى يىلدىرىمنىڭ زىيارىتى بىلەن تۈركىيە ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ تېخىمۇ قويۇقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پۇتىن بىنالى يىلدىرىمغا تۈرك ئېقىمى لايىھەسىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى. تۈرك ئېقىمى لايىھەسى ئارقىلىق 2019-يىلىدىن باشلاپ رۇس تەبىئىي گازى  قارادېڭىزدىن جەنۇبىي ياۋروپاغا توشۇلىدۇ.»

رۇسىيەدىكى رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى رىيا نوۋوستى «بىنالى يىلدىرىم تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ۋە مۇھىم رايونلۇق مەسىلىلەر ئىزچىل نەزەردىن ساقىت قىلىپ كېلىنىۋاتقان مۇھىت ۋە شارائىتتا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: <پ ك ك-پ ي د، دائېش، ئەل-قائىدە، بوكو ھارامغا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئونلارچە يىل ۋە ئەسىرلەردىن بۇيان ھەل قىلىنماي كېلىۋاتقان رايونلۇق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلدى.> بىنالى يىلدىرىم رايونلۇق مەسىلىلەر ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنغان بولسا، ھازىرقىدەك مۇرەككەپ ۋەزىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى  بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئېغىر مەسىلىلەرنى پەيدا قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن يىلدىرىم، رايونلۇق مەسىلىلەر داۋاملىق نەزەردىن ساقىت قىلىنغان تەقدىردە، رايونلۇق مەسىلىلەرنىڭ ھامان بىر كۈنى ئېغىرلىشىپ خەلقئارلىق مەسىلىلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

ئامېرىكىدىكى پوچتا گېزىتى «غەربنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكى ساھەسىدىكى يۈزسىزلىكى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە مەتبۇئات ئەركىنلىكى توغرۇلۇق دۇنياغا ئىزچىل ساۋاق بېرىپ كېلىۋاتقات ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىدىكى مەتبۇئاتلارنىڭ يۈزسىزلىكىنى پاش قىلدى. تۈركىيە مەتبۇئات ۋە ئۇچۇر-ئالاقە باشقارمىسى تەرىپىدىن چەت ئەللىك ژۇرنالىستلارغا ئەۋەتىلگەن ئىلخەتلەردە،  فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردە تېررورىزىمغا  مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ كۈچلۈك ھالدا يولغا قويۇلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ مۇخبىر ۋە ژۇرنالىستلارغا بېسىم قىلىپ توسالغۇ بولغانلىقلىرى توغرۇلۇق نۇرغۇن دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ بارلىقى تەپسىلىي قەيت قىلىندى. مەسىلەن، ئىراق ئۇرۇشىدا گېرمانىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىستىخبارات خىزمەتلىرى توغرۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلغان بىر گېرمانىيە مېدىياسى ئۈستىدىن 2005-يىلى سوتقا ئەرز قىلىنغانلىقى، ئامېرىكىلىق جاسوس ئېدۋارد سىنوۋدېن تەرىپىدىن ئاشكارىلىۋېتىلگەن بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر قاچىلانغان كومپىيۇتېر  دىسكىسىنىڭ سۇندۇرۇۋېتىلگەنلىكى، شۇنداقلا ئەنگلىيەدىكى Guardian گېزىتىمۇ بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن مەسئۇللارنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئىلخەتتە يەنە ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار توغرۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلماقچى بولغان مۇخبىرلارنىڭ بېسىمغا ئۇچرىغانلىقى، يەرلىكلەرگە تەۋە رايونلارغا يېقىن جايغا بەرپا قىلىنىشى تەۋسىيە قىلىنغان تۇرۇببا لىنىيەسى مەسىلىسىدە پەيدا بولغان تالاش-تارتىش ۋە ئىختىلاپلارمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.»

گېرمانىيەدىكى كۈندىلىك گېزىت Der Tagesspiegel «ياۋروپا ئىتتىپاقى-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى كۈنتەرتىپتىن چۈشمەيۋاتىدۇ »سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: « كېلەر ھەپتە ئاخىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ يەنە كۈنتەرتىپىدە بولىدۇ. بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىرلار كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسىلىسىنىڭ كېڭەش قىلىنىدۇ. ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا تۇنجى بولۇپ تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى مۇزاكىرىگە قويۇلىدۇ. دەرۋەقە، ئەنقەرەگە مۇساپىرلارغا سەرپ قىلىنىش ئۈچۈن بېرىلىدىغان 6 مىليارد ياۋرونىڭ ھازىرغىچە بېرىلمەسلىكىمۇ تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چۈشمەيۋاتىدۇ.»

ئەزەربەيجاندىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى تىرەند «ئەرمېنىيە ئەزەربەيجان ئالدىنقى سېپىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 65 قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى چېگرىدىكى ئەزەربەيجان ھەربىي بازىلىرىغا ئوق چىقىرىپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بىر كۈن ئىچىدە 65 قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا 1988-يىلى باشلىغان توقۇنۇشلار ئەرمېنىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئەزەربەيجانغا قاراشلىق تاغلىق قاراباغ ۋە 7 رايوننىڭ ئىشغال قىلىنىۋېلىشىغا سەۋەب بولدى. 1994-يىلى ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ روھىي بويىچە، مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنسك گۇرۇھى باشچىلىق قىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىشنى مەزمۇن قىلغان 4 قارارنامىسى ھازىرغىچە ئەمەلىيلەشمىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر