چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 23.11.2016

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

616297
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 23.11.2016

رۇسىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى رىيا نوۋوستى «ئەردوغان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ مىنبىجكە كىرىش نىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئۆكتىچى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەل باب شەھىرىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن تازىلىشىدىن كېيىن مىنبىجكە يۈزلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: <ئەل بابتىن كېيىن مىنبىجكە كىرىمىز. بۇ جايدا سۈرىيەلىك كۈرتلەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بار. ئۇلار شەرققە كېتىشى كېرەك، ئۇلار بۇ توغرىسىدا ۋەدە بېرىشتى، بىر قىسمىنىڭ كەتكەنلىكىنى دەۋاتىدۇ، بۇ زېمىنلار ئۇلارنىڭ ئەمەس بۇ جايدا ئەرەبلەر ياشايدۇ. ئەرەبلەر ئۇ جايدا ياشايدىغان بولسا، تۈركىيەنىڭ بۇ جايدا نېمە ئىشى بار>دېدى. ئەردوغان شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك چۈشەنچىسىنىڭ تەھدىتلەر تۈركىيەنىڭ بوسۇغۇسىغا كەلمەي تۇرۇپ ئۇلار كېلىشتىن بۇرۇن توسالغۇ بولۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.»

ئىراندىكى ئىرانا مېدىياسى« ئەنقەرەدىكى بىر سوت مەھكىمىسى پ ي د لېدىرىنىڭ  تۇتۇلۇشىنى قارار قىلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى:« ئەنقەرەدە بۇ يىل 17-فېۋرالدا ھەربىي ئاپتوموبىللارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان مەلۇم بىر سوت مەھكىمىسى، تۈنۈگۈن پ ك ك نىڭ ياۋروپادىكى كاتتىۋېشى ۋە سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى بولغان پ ي د نىڭ لېدىرى توغرۇلۇق، بۇ ھۇجۇم بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى قوبۇل قىلىپ تۇرۇپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. يەنە  سالىھ مۇسلىمدىن سىرت زۇبەيىر ئايدار، رەمزى كارتال، جەمىل بايىك، مۇرات كارايىلان ۋە فەھمان ھۈسەيىن  قاتارلىق كىشىلەر توغرۇلۇقمۇ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى، ئەنقەرەدە ھۆكۈمىتى پ ي د ۋە ي پ گ نى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ گۇماشتىلىرى دەپ قارايدۇ.»

گېرمانىيەدىكى DPA گېزىتى «ئەردوغان: دۆلەت بۇ ۋەتەن خائىنلىرىدىن تولۇق تازىلىنىپ بولدى، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فەتۇللاھ گۈلەن ھەرىكىتىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە رەھىم قىلماستىن زەربە بېرىشنى ئويلايدۇ. ئەردوغان سەيشەنبە كۈنى ئەنقەردىكى ساقچى ئاكادېمىيەسىدە چاقىرىلغان بىخەتەرلىك يىغىنىدا <دۆلەت بۇ ۋەتەن خائىنلىرى گۇرۇھىدىن تولۇق تازىلاندى، بۇ خائىنلارغا بۇ مەملىكەتنى تاشلاپ بەرمەيمىز، ئۇلارنىڭ خەلقىمىزگە بېسىم قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز. نېمە ئىش قىلىش زۆرۈر تېپىلسا شۇنى قىلىمىز>دېدى. ئەردوغان چەت دۆلەتلەرنىڭ تەنقىدىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھېچ قانداق دۆلەتنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھوقۇقىنىڭ يوقلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ يەنە مۇنۇلارنى دېدى: تۈركىيەنىڭ تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلىرى بىرمۇ تېررورچى قالمىغۇچىلىك داۋاملىشىدۇ. بۇ كۈرەش جىددىي ھالەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ.»

رۇسىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى رىيا نوۋوستى :«تۈركىيە ناتونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى نەقىل قىلدى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ناتونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقىنى ۋە ناتونى سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ناتونىڭ دېموكراتىك قىممەت ئۆلچەملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان دۆلەتلەرنى بىر يەرگە جەم قىلغان بىخەتەرلىك مۇنبىرىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئەردوغان، ناتو دائىرىسىدە ئىككىنچى چوڭ ھەربىي كۈچكە ئىگە بولغان تۈركىيەنىڭ ، دۇنيا مىقياسىىدا تىنچلىقنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن ناتونى ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن قوللاشنى داۋملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەردوغان تۈركىيەنىڭ تېررورچىلارنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە سوقۇنۇپ كىرىشىلىرىگە توسالغۇ بولىدىغان سېپىل ھالىتىگە كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.»

گېرمانىيە Deutsche Welle (DW)  مېدىيا ئورگىنى «گېرمانىيە تېررورچىلارغا پاناھگاھ بولۇشتىن ۋاز كەچسۇن»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «بېرلىننى زىيارەت قىلغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى باشلىقى مۇستافا يەنەرئوغلۇ تۈرك ۋە نېمىس ژۇرنالىستلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: <گېرمانىيەلىك سىياسەتچىلەردىن تېررورىزىمنى قوللىماسلىقلىرىنى ۋە پ ك ك نىڭ ھۇجۇملىرىدىن تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى يوقلىشىىنى تەلەپ قىلدى>. 5 ھەپتە ئىچىدە  نۇرغۇن سىياسەتچىنىڭ پ ك ك تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان يەنەرئوغلۇ، گېرمانىيەدە بۇ خەۋەرلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلمىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: پ ك ك نىڭ گېرمانىيەدىن تەشكىلاتىغا ئەزا يىغىش ۋە پۇل توپلاش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى، گېرمانىيەنىڭ پ ك ك غا نىسبەتەن بىخەتەر جاي ئىكەنلىكى توغرۇلۇق مەلۇماتلار گېرمانىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ دوكلاتلىرىدا بار، شۇڭا تۈركىيەنىڭ باياناتلىرىدىن بىئارام بولۇپ كېلىۋاتقانلار ئالدى بىلەن ئۆز دۆلىتىنىڭ دوكلاتلىرىغا قاراپ چىقسۇن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر