چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 16.11.2016

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

611990
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 16.11.2016

ئەنگلىيەدىكى Reuters خەۋەر ئاگېنتلىقى «تۈركىيە تىرامپ ھاكىمىيىتى مەزگىلدە ئامېرىكا-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىگە ئۈمىد بىلەن قارايدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «دونالد تىرامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ پىرېزىدېتنلىقىغا سايلىنىشى تۈركىيەدىكى تاراتقۇلاردا زور غۇلغۇلا قوزغىدى. مىليونلارچە تۈرك تىرامپنىڭ غەلبىسىنى تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقدېشى تۇرۇپمۇ تۈركىيەگە قارشى ھالدا ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىگە ساۋاق ۋە ئىبرەت،دەپ قارايدۇ. سۈرىيە ۋە ئىراقتا دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشلەردە مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقان ناتو ئەزالىرىدىن بولغان تۈركىيەدىكى ئامېرىكىغا بولغان ئۆچمەنلىك خاھىشى، 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئىسياندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيدى، تۈركلەر تىرامپنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىۋېشىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىغا، سۈرىيە ۋە ئىراق مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن  مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ ئوخشاش سىياسەت يولغا قويىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.»

رۇسىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى رىيا نوۋوستى: «ئامېرىكىدىكى تىرامپقا قارشى نامايىشلار ئەمەلىيەتتە دېموكراتىيەگە قارشى ھەرىكەتتۇر» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم دونالد تىرامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ پىرېزىدېتنلىقىغا سايلىنىشىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىدا دونالد تىرامپ سايلامدا ئۇتۇپ چىقتى، خەيىرلىك بولسۇن. بىز ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ تەبرىكلەپ قويدۇق. ئامېرىكا خەلقى كېلەچىكى توغرۇلۇق قارار بەردى، ئۇنىڭ پىرېزىدېنت بولۇپ  سايلىنىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈش ئەمەلىيەتتە دېموكراتىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتۇر.»

ئىتالىيەدىكى ANSAmed خەۋەر تورى: «تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى بارغانچە كۈچەيمەكتە»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «بۇلتۇر نويابىردا سۈرىيە چېگرىسىدا بىر رۇس ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلىشى نەتىجىسىدە  ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان كىرىزىس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ئەسلىگە كېلىش بىلەن قالماي، كۈچىيىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە. باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم مەنسەبدېشى مېدۋېدېۋ بىلەن بۇ يىل دېكابىردا موسكوۋادا كۆرۈشىدۇ. كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەسىلىسى كېڭەش قىلىنىدۇ، شۇنداقلا سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى كۈنتەرتىپتە بولىدۇ، يىلدىرىمغا نۇرغۇن سودا-سانائەتچى ھەمراھ بولىدۇ، يىلدىرىمنىڭ  بۇ زىيارىتى ئۆتكەن ئاي ئىستىراتېگىيەلىك تۇرۇبا لىنىيەسى تۈرك ئېقىمىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى ئۈچۈن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا بىرلىكتە قاتناشقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ  كېلەر يىلى يانۋاردا ئېيىدا  قايتىدىن يىغىن ئۇچرىشىشىغا زېمىن تەييارلايدۇ.»

BBC تۈركچە تور بېتى «ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تۈركىيە بىلەن بولغان مۇزاكىرىلەرنىڭ توختاپ قالماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان يىغىندا، ئاۋسترىيەنىڭ <تۈركىيەنىڭ ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنى توختىتىپ قويايلى>دېگەن چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمىدى. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرانك-ۋالتېر سىتېيمېېر ئەنقەرە زىيارىتىدىن ئىلگىرى چاقىرىلغان بۇ يىغىندىن كېيىن <تۈركىيە بىزگە نىسبەتەن مۇھىم دۆلەتتۇر. گېرمانىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا يېقىن ھەمكارلىق بار، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ھالقىلىق كۈنلەردە تۈركىيە بىلەن بولغان دېئالوگلارنى ئۈزۈپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ>دېدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مارتىن سىچۇلىزنىڭ <ئۆلۈم جازاسى قايتىدىن يولغا قويۇلسا تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇزاكىرىلىرى توختاپ قالىدۇ>دېگەن سۆزلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.»

خىتاي خەلقئارا رادىيوسى «ۋاڭ يى: دۆلىتىمىز تۈركىيەنىڭ مۇسبەتتە ئەسقاتىدىغان دوستىدۇر»سەرلەھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: <ھەر ئىككى دۆلەت تېرروتورىيەسىدە قارشى تەرەپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەت ۋە قىلمىشلارغا رۇخسەت قىلمايدۇ. دۆلىتىمىز تۈركىيەنىڭ مۇسبەتتە ئەسقاتىدىغان دوستىدۇر>. خىتاي  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ۋاڭ يى، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ كېلىشىمنىڭ روھىي بويىچە ئىش تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى، خەۋپسىزلىك ۋە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا كۆرىنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋاڭ يى خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ  خەۋپسىزلىك ساھەسىدە ئورناتقان ھەمكارلىقى ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خىتايدىكى پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق توختىلىپ:ھەم دۆلىتىمىز ھەمدە تۈركىيە تېررورىزىمنىڭ قۇربانىدۇر ۋە ھەر ئىككى دۆلەت تېررورىزىمنىڭ ھەر قاندىقىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە، دېدى.»

فىرانسىيەدىكى AFP «ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مەسىلىسىنى خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنقەرەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ مەسىلىنى خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىزنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشتىن ۋاز كەچتۈرۈشكە مەجبۇرلىۋاتىدۇ. بىزنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىسا ئوچۇق دېسە بولىدۇ. سەۋىر-تاقىتىمىزنىڭمۇ چېكى بار، زۆرۈر تېپىلسا بۇ مەسىلىنى خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇپ ھەل قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر