چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 17.08.2016

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

553655
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 17.08.2016

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى «چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كېررىي تېلېفوندا كۆرۈشتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفوندا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭمۇ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقان تونېر، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ كاتىبېشى فەتۇللاھ گۈلەننى قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى. تۈركىيە دېپلوماتىيە مەنبەلىرىمۇ كۆرۈشۈشتە فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسى، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرىزېدېنتى جو بايدىننىڭ تۈركىيە زىيارىتى، مەنبىچ ۋە ھەلەب بولۇپ سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى قاتارلىقلار ئۈستىدە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.»

ئامېرىكىدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى AP «تۈركىيە گىرېتسىيەگە قاچقان 8 ئەسكەرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە ئوقۇرمەنلىرى بىلەن مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى: «تۈركىيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ قوشنا دۆلەت گىرېتسىيەدىن  قاچقۇن 8 تۈرك ئەسكىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ گىرېتسىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ماتېرىيالدا ئەسكەرلەرنىڭ <زوراۋانلىق ۋاستىسى بىلەن ئاساسىي قانۇننى دەپسەندە قىلىش>، <جۇمھۇر رەئىسىگە سۈيقەست قىلىش>، <پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش> قاتارلىق جىنايىي قىلمىشلارنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى. 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئىسيانىدىن كېيىن ئالتە ئۇچقۇچى ۋە ئىككى ئىنژىنېر، بىر ھەربىي تىكئۇچار بىلەن گىرېتسىيەگە قېچىپ كەتتى ۋە  ھەربىي-سىياسىي ئىسيانغا چېتىشلىق ئىكەنلىكلىرىنى رەت قىلىپ پاناھلىق تىلىدى.»

قاتار مېدىيا ئورگىنى ئەلجەزىرە «ناھايىتى زور خوشاللىق بىلەن تۈركىيەگە كېلىمەن» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: « EXPO 2016 مۇناسىۋىتى بىلەن ئانتاليادا 9-سېنتەبىر جۈمە كۈنى كونسېرت بېرىدىغان دۇنياغا مەشھۇر ناخشىچى سىر ئېلتون جون خەت ئەۋەتتى. EXPO 2016 ئانتاليا ئاگېنتلىقىغا ئەۋەتكەن خېتىدە، تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك مۇھىتىغا زەربە بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن جون <تۈركىيەدىكى EXPO 2016 ئانتاليا كونسېرتىمنى ناھايىتى خوشاللىق بىلەن ئادا قىلىمەن> دېدى.»

ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىرنا «ئىران-تۈركىيە ئېلېكتىر كېلىشىمىنىڭ قىممىتى 3 مىليارد دوللار»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «ئىراننىڭ مۇئاۋىن ئېنېرگىيە مىنىستىرى ھۇشېڭ فەلاخېتىيان يېقىندا ئىران ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى بىلەن تۈركىيەنىڭ Unit İnternational شىركىتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان 6000 مېگاۋات ئېلېكتىر كېلىشىمى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى. ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ قىممىتىنىڭ 3 مىليارد دوللار بولغانلىقىنى ئېيتقان فەلاخېتىيان، كېلىشىمنىڭ مەقسىتىنىڭ ئىراننىڭ توك ئېھتىياجىنى قامداش ۋە چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.»

ئامېرىكا خەۋەر ئاگېنتلىقى TURKİSHNY «قىبرىستا تۈركىيەنىڭ ھامىيسى بولماي تۇرۇپ مەسىلە ھەل بولمايدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيتىى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان يازما باياناتتا: <جەنۇبىي قىبرىس رۇم تەرىپىدىكى دېموكراتىك سەپەرۋەرلىك پارتىيەسى باشلىقى ئاۋېروف نېئوفىتۇنىڭ <گۈزەل يۇرت رايونى قايتۇرۇپ بېرىلمەي تۇرۇپ مەسىلە ھەل بولمايدىغانلىقى>تەرىقىسىدىكى باياناتى قاتتىق ئەيىبلەندى. بۇ خىلدىكى باياناتلارنىڭ رىم دائىرلىرىنىڭ ئەسلىدىكى مەقسىتىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش تەرەپدارى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.> باياناتتا يەنە <شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى چېگرالىرى ئىچىدىكى گۈزەل يۇرت رايونىنى قايتۇرۇپ بېرىش ياكى تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. <ئانا ۋەتەن تۈركىيەنىڭ ھامىيىسى ئاستىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمنى جەنۇبىي قىبرىس دائىرلىرى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ>دېگەن باياناتلار بۇرۇنقى رىم مەسئۇللىرىنىڭ باياناتلىرىنىڭ ئۆز ئەينىسىدۇر. بۇنىڭدىن ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇق، دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.»

گېرمانىيەدىكى مېدىيا ئورگىنى DW «چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيەگە  نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋېلا دۈشمەنلىك قىلىسىلەر،دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە قوزغاش ھەرىكىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۈركىيەنى قوللاشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ ، تۈركىيەنىڭ رىئالىقلىرىنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقت قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى. مىنىستىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنى <تۈركىيەگە دۈشمەنلىك قىلىش>بىلەن ئەيىبلىدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، گېرمانىيەدىكى < Bild >گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، <ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىنىڭ شەرتلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسمى بىزگە تەھدېت سالدى، ھاقارەت قىلدى. بەزىدە ئۆز-ئۆزۈمدىن بىزنىڭ جىنايىتىمىز زادى نېمە؟ دەپ سورىماي تۇرالمايمەن. تۈركىيەگە نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋېلا دۈشمەنلىك قىلىسىلەر؟>دېدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ: <مۇساپىرلار كېلىشىمىگە بىر نەزەر سېلىڭلار، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا پۈتكۈل تۈركلەر ئۈچۈن ئۆكتەبىر ئېيىدىن بۇيان ۋىزا بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇش ھەققىدە كېلىشىم بار. كېلىشىمنامىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن چېغىمدا تۇيۇقسىزلا ئاچىقلىنىپ كېتىدىغانلار چىقتى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق ھەممە ئىشنى ئورۇنداپ كېلىۋاتىمىز، بىراق بۇنىڭ بەدىلىگە تۈركىيە ھېچ نېمىگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ، نەدە بۇنداق ئىش بار، بۇنى قەتئىي قوبۇل قىلمايمىز>دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر