چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 11.05.2016

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

488774
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 11.05.2016

فىرانسىيەدىكى AFP ئاگېنتلىقى «ئىستانبۇلدىكى دۇنيا ئىنسانىي ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا 80 دۆلەت ئىشتىراك قىلىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي ياردەم پائالىيەتلىرى كوئوردىناتورى سىتېفھان ئوبىرېيىن، بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان كىرزىسلەرگە قارشى كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىش مەقسىتىدە 23-24 ماي كۈنلىرى ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنسانىي ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ئەڭ ئاز 80 دۆلەتنىڭ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. سىتېفھان ئوبرېيىن، ئىشتىراك قىلغۇچى سانىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش رولى ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا 45 دۆلەت ۋە رايون باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلىدۇ. ناھايىتى كۆپ كىشى ئىشتىراك قىلىدىغان بۇ قېتىمقى يىغىنغا، ئاممىۋى جەمئىيەتلەر ئورگانلىرى ۋە خۇسۇسىي ساھەدىنمۇ 6000 ۋەكىلنىڭ ئىشتىراك قىلىشى كۈتۈلمەكتە.»
ئامېرىكىدىكى تۈرك-ئامېرىكا خەۋەر مۇنبىرى «ھالىل كايىكچى تاشقى پىلانتقا چىقىدىغان تۇنجى تۈرك بولىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:«تۈركىيەدىن خەلقئارالىق بىر مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن ھالىل كايىكچى، تاشقى ئالەمنى زىيارەت قىلىدىغان تۇنجى تۈرك بولۇش ئۈچۈن كۈن سانىماقتا. كايىچكى ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تاشقى پىلانت ئىنژىنىرلىقى بۆلۈمىنىڭ 4-سىنىپ ئوقۇغۇچىسىدۇر. ئامېرىكىدا 1 ھەپتە ئاستىرونومىيە تەلىمى ئالغانلىقىنى ئېيتقان كايىكچى، 2017-يىلى پىلانلانغان ئالەم سەپىرىدە تاشقى ئالەم چېگرىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ،يۇقىرىغا 103 كىلومېتىرغىچە چىقىپ دۇنيانى گولۇبۇس شەكلىدە كۆرۈپ يەر شارىغا قايتىپ كېلىدۇ.»
گېرمانىيەدىكى Deutsche Welle ئاگېنتلىقى «ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى ئۇزارتىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ھەلەبتىكى ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتىنىڭ توشۇشىغا ئاز قالغاندا، ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتىنى يەنە ئىككى كۈن ئۇزارتقانلىقىنى ئۇقتۇردى. كەسكىن توقۇنۇشلارغا سەھنە بولغان ھەلەبتىكى قەرەللىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بىر ھەپتە ئىلگىرى ئەمەلىيلىشىشكە باشلىغان بولۇپ، ئىلگىرىمۇ مۇددىتى بىر قېتىم ئۇزارتىلغانىدى. سۈرىيە مىقياسىدا ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ داۋاملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ كېلىشىگە قارىتا، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ھەلەبتىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلىشتى. بەش يىل داۋاملاشقان سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم يەرلىرىدىن بىرى بولغان ھەلەب قىسمەن ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىلەن ئىسيانكار گۇرۇھلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنماقتا.»
رۇسىيەدىكى خەلئقارا خەۋەر ئاگېنتلىقى Sputnik «تىرامپ مۇسۇلمان چەكلىمىسىگە مۇستەسنالارنى قويدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا 2015-يىلى يانۋاردا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇملاردىن كېيىن مۇسۇلمانلارنى ئامېرىكىغا كىرگۈزمەسلىك تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئۆزى پىرىزىدېنت بولغان ئەھۋالدا بۇ ئىشى چوقۇم ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ رەئىس نامزات نامزاتى دونالد تىرامپ، ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندۇننىڭ بىر رايونىغا سادىق خان ئىسىملىك بىر مۇسۇلماننىڭ باشلىق بولۇشىنىڭ مۇستەسنا ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تىرامپ سادىق خانغا نىسبەتەن قائىدە-پىرىنسىپلارنى يۇمشىتىش ئېھتىياجى ھېس قىلىشىغا، سادىق خاننىڭ ياخشى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ ئۈلگە يارىتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتتى.»
ئەنگلىيەدىكى REUTERS ئاگېنتلىقى «ئەردوغان: ياۋروپا تېررورچى گۇرۇھلارنىڭ سىياسىي قاناتلىرى ئۈچۈن بىخەتەر رايوندۇر، دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەيشەنبە كۈنى ياۋروپا دۆلەتلىرىنى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي قاناتلىرى ئۈچۈن بىخەتەر رايون بولۇش بىلەن ئەيىبلەپ، ياۋروپانىڭ تۈركىيەگە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلەردە ئارتۇق ساۋاق بېرىشىنىڭ كۈلكىلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەردوغان ئەنقەرەدە بەرگەن باياناتىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېررورچى گۇرۇھلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىنى ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى ۋە ياۋروپانىڭ تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ۋىزىسىز ساياھەت قىلىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىغىچە ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.»
ئىراندىكى ئىرنا خەۋەر ئاگېنتلىقى «ئىران بىلەن تۈركىيە تاموژنا ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى نەقىل قىلدى: «ئىران بىلەن تۈركىيە تاموژنا ئىدارىلىرى باشلىقلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاشتى. مەسۇت كەرباسىيان بىلەن جىناب ئاشچى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىشلىرىنى جانلاندۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تاموژنا توسالغۇلىرى توغرۇرلۇق 25 تېما بىلەن ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە كېڭەشتى. ئىككى تەرەپ كۆرۈشكەندىن كېيىن بۇ دائىرنى چۆرىدىگەن ھالدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشتى. بازەرگان-گۈربۇلاغ چېگرا ئېغىزىنى 24 سائەت ئېچىۋېىش،x-ray ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق زەھەرلىك چېكىملىك ۋە مال ئەتكەسچىلىكىگە قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر كېلىشىم قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، ئىران بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم 2016-يىلى ئىيۇندا ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر