ئانادولۇنىڭ ئۆزىگە خاس نوقۇتى

بىلىۋېلىڭ (54)

2039066
ئانادولۇنىڭ ئۆزىگە خاس نوقۇتى

ئانادولۇنىڭ ئۆزىگە خاس نوقۇتى

شەرقىي جەنۇبى ئانادولۇ رايونىدا يېڭى نوقۇت تۈرىنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟

شەرقىي جەنۇبى ئانادولۇ رايونى دۇنيادىكى تۇنجى دېھقانچىلىق رايونلىرىدىن بىرى. ئاقدېڭىز ئۇنىۋېرسىتىتى ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلار داۋامىدا، شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونىدا قاتتىق ئىسىق ۋە قۇرغاقچىلىققا چىداملىق بىر خىل نوقۇت تېپىلدى. يۈرەك شەكىللىك دانلىرى بىلەن دىققەت قوزغايدىغان بۇ نوقۇت تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «تۇرجىجۇم» دەپ ئاتالدى.

يېڭى تېپىلغان بۇ نوقۇت ئۆسۈملۈك ئىلمى ساھەسىدە دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ژۇرناللاردىن بىرى بولغان «‹ئۆسۈملۈك ئىلمىنىڭ چەك – چېگرالىرى› ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنىپ، ئىلىم دۇنياسى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. خەلقئارا ئۆسۈملۈك ساھەسىگە يەرلىك دانلىق زىرائەت سۈپىتىدە كىرگەن بۇ يېڭى نوقۇت چەت ئەللەردە نوقۇت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىملارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە «تۇرجىجۇم» نىڭ بەزى زىيانلىق ھاشاراتلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ % 100 ئىكەنلىكى، ھەتتا ناھايىتى قاتتىق ئىسسىق ۋە سۇسىزلىققا چىداملىق ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلدى.

ئەگەر بۇ نوقۇتنىڭ گېنى باشقا نوقۇت سورتلىرى بىلەن چاڭلاشتۇرۇلسا، تېخىمۇ كۆپ ئېسىل نوقۇت سورتلىرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

شۇ ۋەجىدىن، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان دۇنيامىزدا بۇ يېڭى نوقۇت تۈرىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا بولغان ئەھمىيىتى تېخىمۇ زورايماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر